قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نەنسەن تېغىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىشتا قانداق ماڭسا ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ

2018-08-08 19:28:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پىژغىرىم ئىسسىقتا ھەپتە ئاخىرىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ نەنسەن تېغىغا چىقىپ سالقىنداش نۇرغۇن ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالدى. بىراق يېقىنقى مەزگىللەردە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى قايتىشىدا مەركەزلىك قايتىش، ساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بېسىمى زورىيىش، نۇرغۇن ۋاقىت يولدا توسۇلۇپ تۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئۇچرىدى.
بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول شۆبە ئەترىتى ئۇلانباي چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسىمۇ شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس يول تەكشۈرۈپ، ئايلىنىپ ماڭىدىغان ئىككى يولنى تاللاپ چىقتى.
ئەگەر سايباغ رايونىغا، يېڭى شەھەر رايونىغا بارىدىغان ئاپتوموبىللار بولسا ئۇلانبايدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈككە چىقىپ، كۈيتۈن يۆنۈلۈشىگە مېڭىشنى تاللاش كېرەك. شىسەن چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچى كۈيتۈن لىنىيىسىدىن ھەيدەپ چىقىپ، شىسەن ئاسما كۆۋرۈكىدىن سايباغ رايونىغا بېرىشنى تاللىسا ياكى خۇالىڭ كۆۋرۈكى يۆنۈلۈشىدە مېڭىپ شەھەر رايونىغا كىرسە بولىدۇ.
ئەگەر شىمىگو رايونى، تىيانشان رايونىغا بارماقچى بولسا، ئۇلانبايدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈككە چىقىپ،«دا خۇاڭشەن» يۆنۈلۈشىگە قاراپ مېڭىش كېرەك. گۈەنيۈەن يولى چىقىش ئېغىزىدا شەرقنى ئايلىنىپ چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا شەھەر رايونىغا كىرگەندىن كېيىن، قاراماي جەنۇبى يولى ئاسما كۆۋرۈكىدە شەرققە قاراپ شىمىگو رايونىغا، ساي تېز سۈرئەتلىك يولىغا ياكى ئالىي مەكتەپ شەھەرچىسى يول بۆلىكى ئارقىلىق تىيانشان رايونى تەرەپكە مېڭىشقا بولىدۇ.
شەرقى تەرەپتىن شەھەرنى ئايلىنىدىغان يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ئېقىمى ئانچە كۆپ ئەمەس، بىراق ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، پۈتۈن لىنىيىدە رايونلار ئارا سۈرئەت ئۆلچەش قوللىنىلغان، يول سۈرئەت چەكلەش تاختىسىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ يول يۈرۈش كېرەك. ئۇندىن باشقا، يول لېنىيەسىدىكى تونىلدا ئاپتوموبىللارنىڭ يول ئۆزگەرتىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى