قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرىدىكى تۇنجى ساياھەت كۈجۈم مەركىزى تىجارەت باشلىدى

2018-08-08 19:43:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاقسۇدىكى تۇنجى ساياھەت كۆجۈم مەركىزى يېقىندا رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ساياھەت كۆجۈم مەركىزى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، ساياھەت بايلىقلىرى كۆرگەزمە مەركىزى، مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇن قويۇش مەركىزى، ساياھەت قاتنىشى ئالمىشىش مەركىزى، ساياھەت ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش مەركىزى، ساياھەت مۇلازىمەت كارخانىلىرى تىجارەت مەركىزى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت مەخسۇس لىنىيەسى، ياتاق، يېمەك- ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، سودا ئىشلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار ئۈچۈن يۈرۈشلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىدىكەن؛ ساياھەت كۆجۈم مەركىزىنىڭ پۈتۈپ تىجارەت باشلىشى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى دولان دەرياسى مەنزىرە رايونى، دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، ئورمان باغچىسى ۋە ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، يەنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەتراپىدىكى كورلا، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ داڭقى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن.
بۇ مەركەز ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بايلىقلارنى تەرتىپكە سېلىشنى تېزلىتىپ، فۇنكسىيەلىك ئورنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ. ساياھەتچىلىكنى يېتەكچى قىلغان يادرولۇق كەسىپلەر ئۈچۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىپ، ئاقسۇغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بىرىنچى بېكىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئاقسۇنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان بىرىنچى كۆزنەككە ئايلىنىدۇ.
ئاقسۇ ساياھەت كۆجۈم مەركىزى يەنە ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ئەتراپتىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ھەر قايسى چوڭ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى، ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىكتە ئېچىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئۇچۇردىن تەڭ مەنپەئەتلىنىپ، ئورتاق پايدىغا ئېرىشىپ، بايلىق ئېففېكتىنى چوڭايتىپ، كۆپەيتىش ئېففېكتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بايلىق ئامىللىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈش ۋە ساياھەتچىلىك كەسپ زەنجىرىنىڭ سىستېمىلىق توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي كۈسەن، سىھىرلىك ئاقسۇ» ساياھەت نام- ئەمەل كارتىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى