قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاناسنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن ناھىيە بازىرىدىكى كەچلىك بازارغا كېلىپ نازۇ- نىمەتلەرگە ئېغىز تېگىش-- نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ يېڭى تاللىشى بولۇپ قالدى

2018-08-09 16:49:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
8- ئايدىكى بورچىننىڭ ھاۋاسى ناھايىتى يېقىشلىق بولۇپ، قاناسنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن ناھىيە بازىرىدىكى كەچلىك بازارغا كېلىپ نازۇ- نىمەتلەرگە ئېغىز تېگىش-- نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ يېڭى تاللىشى بولۇپ قالدى.
كەچ سائەت 9 دا، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى دەريا بويى كەچلىك بازىرى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، مەنزىرە رايونىدىن قايتىپ كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە يىغىلىپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغىنى شۇ جاينىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى بولۇپ، «10 يۈەنلىك بېلىق كاۋىپى» يايمىسىنىڭ ئالدىدا، سوغۇق سۇ بېلىقى كاۋىپىنى تېتىپ بېقىشنى كۈتۈپ تۇرغان ساياھەتچىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ يەردە، 10 يۈەن خەجلەپلا ئېرتىش دەرياسىدا بولىدىغان 7 خىل سوغۇق سۇ بېلىقى كاۋىپىغا ئېغىز تەگكىلى بولاتتى. خۇنەنلىك ساياھەتچى لۈ جۈخۇا مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى ناھايىتى يىيىشلىك بولۇپ، كاۋاپ قىلىپ يىسە بەك تەملىك بولىدىكەن. بىزنىڭ ئۇ يەرلەردە بۇنداق بېلىق يوق.
سوغۇق سۇ بېلىقىدىن باشقا، كەچلىك بازاردىكى ھەسەل، پىشلاق، پېچىنە- پىرەنىك قاتارلىق ئېسىل يېمەكلىكلەرمۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. گۇاڭجۇلۇق ساياھەتچى لى يۆ مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپلا، ھەسەل ۋە گازىرغا كۆزۈم چۈشتى. ئىلگىرى، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان شىنجاڭنىڭ يىمەكلىكلىرىنى توردىن سېتىۋالاتتىم. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، بەكمۇ ھەيران قالدىم. بۇ يەر ھازىر خەلقئارالىشىپ كېتىپتۇ. بازاردىكى بىر خوجايىننىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇۋالدىم. كەتكەندە، يەنە بىر قىسىم يىمەكلىكلەرنى سېتىۋالىمەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بورچىن ناھىيەسى جەمئىي 1 مىليون 952 مىڭ 900 ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 ئاشقان. پۈتۈن يىللىق ساياھەتچىنىڭ تۇنجى قېتىم 5 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بورچىن ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ باۋيەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، كەشتە ئىشلەنگەن كىيىم- كېچەك كۆرگەزمىسى، مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، ھۆسنىخەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى جەلپ قىلىنىدۇ. بىز يەنە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى قېزىپ، «چېگرا شەھىرى، بورچىن تەمى»نىڭ نام كارتىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ، مەھسۇلات، قۇرۇلما، ئىقتىدار ۋە خەلق تۇرمۇشىدا ساياھەتچىلىكنى چۆرىدەش سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى