قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئادىلجان داۋۇتلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-08-09 16:52:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

8-ئاينىڭ 9-كۈنى نەشر قىلىنغان شىنجاڭ گېزىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قۇندۇز يۈسۈپ، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئادىلجان داۋۇتلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى بېسىلدى.
قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مەن كادىرلار ۋە ئاممىنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مۇقىملاشتۇرىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.
ئادىلجان داۋۇتنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن- ئاخىر پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىپ، باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەر ۋاقىت سەگەك ۋە يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، چوڭ ھەق چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىنى ئېنىق ئايرىپ، نام- مەنپەئەت ئالدىدا قايمىقىپ كەتمەي، ھالقىلىق پەيتتە ئىشەنچلىك ئادەم بولىمەن؛ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى