قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆك چاي ئىچكەندىكى ساغلاملىق ئۈنۈمى

2018-08-09 18:13:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆك چاينىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك تەركىبى كاتېخىن. كاتېخىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆسمە پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق كۆپ خىل بىيولوگىيەلىك رولى بار. كۆك چاي ئىچىشنىڭ ساغلاملىققا پايدىسى بار. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش پايدىلىنىش مىقدارى» دا كۆرسىتىلىشىچە، كۆك چاي تەركىبىدىكى كاتېخىننى قوبۇل قىلىش مىقدارى ئوخشاش بولمىسا، ساغلاملىق ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن:
كۈنىگە كۆك چايدىن 250 مىللىگىرام كاتېخىن قوبۇل قىلغاندا، كاتېخىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى كۆزەتكىلى بولىدىكەن؛ كۈنىگە 400 مىللىگىرام كاتېخىن قوبۇل قىلغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى ھەمدە قان قەنتى، قان بېسىمى، قان مېيى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرى تۆۋەنلەيدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن؛ كۈنىگە 600 مىللىگىرام كاتېخىن قوبۇل قىلغاندا، ئەرلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن. ئەمما تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاي ئىچىشنىڭ ئاشقازان راكى ۋە دوۋسۇن راكىغا تەسىرى بولمايدىكەن.
ھەربىر ئىستاكان كۆك چايدا تەخمىنەن 100 مىللىگىرام كاتېخىن بولىدۇ، شۇڭا كۈنىگە ئاز دېگەندە ئۈچ ئىستاكان كۆك چاي ئىچكەندە ئاندىن بەدەنگە نىسبەتەن ساغلاملىق ئۈنۈمى كۆرۈلىدىكەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بىر ئىستاكان كۆك چايدا تەخمىنەن 2 گىرام كۆك چاي بولىدىكەن، كۆك چاينى قايتا-قايتا دەملەشكە ماس كەلمەيدىكەن، 2 قېتىم دەملەپ بولغاندىن كېيىن ئالماشتۇرۇش لازىمكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى