قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نىلۇپەر

2018-08-09 18:57:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سەھەردە مەن باغچىغا ئوينىغىلى باردىم، ئىشىكتىن كىرىپلا بىر خىل خۇش پۇراقنى سەزدىم. مەن دەرھال نېلۇپەر كۆلى تەرەپكە يۈگۈردۈم.
نېلۇپەرلەر ئاساسەن ئېچىلغان بولۇپ نېلۇپەر يوپۇرمىقى قىستىلىشىپ، ياپيېشىل تەخسىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.
بۇ چوڭ تەخسىلەر ئارىسىدىن چىقىپ تۇرغان ئاق نېلۇپەر گۈلىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاران ئىككى ئۈچ تال گۈل بەرگى ئېچىلغان ئىدى. بەزىلىرىنىڭ گۈل بەرگىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ، سۇس سېرىق رەڭلىك نېلۇپەر گۈلى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بەزىلىرى يەنىلا غۇنچە بولۇپ، قارىماققا قورسىقى كۆپۈپ، يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.
بۇنچە كۆپ ئاق نېلۇپەر گۈلىنىڭ ھەممىسىنىڭ قىياپىتى ئۆزگىچە ئىدى. بۇ گۈلگە قاراڭ، بەك چىرايلىقكەن؛ ئاۋۇ بىر تالنى كۆرۈپ بېقىڭ، ئۇمۇ بەك چىرايلىق ئىكەن؛ ئەگەر كۆز ئالدىمىزدىكى نېلۇپەر گۈلىنى چوڭ بىر پارچە جانلىق رەسىم دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا رەسسامنىڭ ماھارىتىنى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن دىيىشكە بولىدۇ.
مەن تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى نېلۇپەردەك، ئاپاق كىيىم كىيىپ قۇياش نۇرىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدىم. مەيىن شامال چىقىۋىدى، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتۈم، ئاپاق كىيىمىم شامالدا يەلپۈندى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، كۆلدىكى نېلۇپەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئىدى. شامال ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئۇسسۇلنى توختىتىپ، ئۇ يەردە جىمجىت تۇردۇم. يىڭناغۇچ ئۇچۇپ كېلىپ، ماڭا سەھەردە ئۇچۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ئېيتىپ بەردى. بېلىجان ئاياغ ئاستىمدا ئۈزۈپ يۈرۈپ، ماڭا ئاخشام كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېيتىپ بەردى.
بىردەمدىن كېيىنلا مەن ئۆزەمنىڭ نىلۇپەر گۈلى ئەمەسلىكىمنى، نىلۇپەر گۈلىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقانلىقىمنى ئېسىمگە ئالدىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى