قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېقىنقى زاماندىكى جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئۇچرىشىشىنى باشتىن كەچۈرمەك

2018-08-09 18:58:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شۇ جاي ۋاقتى 2017ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ 8ـ كۈنى پولشانىڭ كراكوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتىنىڭ 41ـ نۆۋەتلىك يىغىنىدا، «گۇلاڭيۈ--تارىخىي خەلقارا مەھەللە» دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلدى.
ئۇنىڭغا ئىلگىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان تەبىئىي مىراس تۈرى «كۆكشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى» نى قوشقاندا، ئېلىمىزنىڭ دۇنيا مىراسلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 52 گە يەتتى. بىز تەۋسىيە قىلغان بۇ كىتاب « غايىۋى يىللار: گۇلاڭيۈ ئىمارەتلىرىنىڭ بىرىكمە گۈزەللىكى»، «گۇلاڭدىكى باھار ۋە كۈز» ناملىق ئەسەرنىڭ 3ـ قىسمى بولۇپ، ئوخشىمىغان قۇرۇلۇش ئامىللىرىنى نەزەردە تۇتقان، ئەمما ئۇنىڭدا ئىمارەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى قايغۇ ـ ھەسرەت ۋە شادلىق بايان قىلىنغان.
---تۈزگۈچىدىن
بىراق 800 يىل ئىلگىرى، گۇلاڭيۈ ئارىلى پەقەت بىر قاقاس ئارال ئىدى. ئاندا ـ ساندا قەدەم تەشرىپ قىلغان بېلىقچىلار بوران ـ چاپقۇندىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئارالنىڭ غەربىي شىمالىغا پاكار، ئاددىي ئۆي سالغان. بۇ كىچىك ئارالنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش شەكلى بولۇپ، ئاللىقاچان ئىزى قالمىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندە، گۇلاڭيۈ ئارىلى بىر ـ بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بېلىقچىلىق كەنتى بولۇپلا قالماي، كىشىلەر توپلىشىپ ياشايدىغان بازارغا ئايلانغان. شۇ چاغدىكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدا «گۇلاڭيۈ ئارىلى» دىن كەلگەن تالىپ بار بولۇپ، ئارالدا كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز ھەممىلا يەرگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
19ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 20 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان 100 يىل ئىچىدە، گۇلاڭيۈ ئارىلى شەرق بىلەن غەربنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنىڭ جىددىي سوقۇلۇشى ۋە ئالاقىسىنىڭ شاھىدى بولدى، مۇئەييەن تارىخىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جەنۇبى فۇجيەن ئەنەنىسىنى ئاساس قىلغان جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلار كوللىكتىۋىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنەنىۋى مەدەنىيەتنى ساقلاشتا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى بولدى. بۇ تىرىشچانلىق سانسىزلىغان قۇرۇلۇشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. نىسبەتەن تار بولغان ئارال بوشلۇقىدا، ئۇسلۇبى كۆپ خىل بولغان تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرى ۋە ھويلا-ئارام مەنزىرىسى بىر بىرىگە ماسلاشقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشلارنى ۋاقىت جەھەتتە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ تىنىش مەزگىلى، سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىش مەزگىلى ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ بىرلىشىش مەزگىلىدىن ئىبارەت ئۈچ روشەن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىيىشكە بولىدۇ. گۇلاڭيۈ ئارىلى ئانچە چوڭ ئەمەس، پەقەت سەيلە قىلىشقا ماس كېلىدۇ، ئەزىز مېھمانلار ئارالغا چىقسىلا، ئىككى پۇتىغا تايىنىشى كېرەك. مۇشۇنداق مەقسەتسىز مېڭىپ توختاش جەريانىدا، سىز تارىخنىڭ تەپسىلاتىنى بايقىيالايسىز، يېقىنقى زامان جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئۇچرىشىشىنى چۈشىنەلەيسىز.
«غايىۋى يىللار: گۇلاڭيۈ ئىمارەتلىرىنىڭ بىرىكمە گۈزەللىكى» دېگەن كىتاپتا غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ گۇلاڭيۈ ئارىلىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى داچا، كونسۇلخانىلارنى قۇرغان چاغدىكى دۇنيا مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى تونۇشتۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا دەل غەربنىڭ كلاسسىك گۈللىنىشى ۋە يېرىمىزم مودا بولۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. ئاقارتىش ھەرىكىتى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدا قويۇق قەدىمكى يۇنان، رىم ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر مودا بولغان ئىدى، مەسىلەن: فىرانسىيەنىڭ زەپەر دەرۋازىسى، گېرمانىيىنىڭ براندېنبۇرگ دەرۋازىسى، ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى، لىنكولىن خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەردە يەنە بىر خىل خالىغانچە تاللاش، تارىختىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىش مودا بولغان ھەمدە ئۇلارنى ئەركىن بىرىكتۈرۈپ، ھەر خىل شەكىلگە كەلتۈرگەن. گرېتسىيە، رىم، ۋىزانتىيە، ئوتتۇرا ئەسىر، ئەدەبىيات ـ سەنەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە شەرق ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە ئېلېمېنتلىرى بىر شەھەر ياكى بىر بىنادا بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولاتتى. لېكىن بۇ قۇرۇلۇشلار نىسبەت تەڭپۇڭلۇقى ۋە ساپ شەكىل گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوتتۇرا ئۇسلۇب خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش دەپ ئاتالغان.
يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە گۇلاڭيۈ ئارىلى دەل ياۋروپا ـ ئامېرىكا بىناكارلىق مودا ئېقىمىنىڭ تەجرىبە مەيدانى بولۇپ، چەتەللىكلەرلا ئەمەس، جۇڭگولۇقلارمۇ گۇلاڭيۈ ئارىلىدىكى ھەر خىل ئىمارەتلەرنى لايىھىلەشكە قاتناشقان. غەربلىكلەر قەدىمكىنى قەدىرلەيدۇ، قەدىمكى يۇناننىڭ تۈۋرۈك شەكىللىك بېزەك بىنالىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ، جۇڭگو بىناكارلىق ئۇستۇلىرى بەس ـ بەستە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلسىمۇ، لېكىن يەنىلا غەربچە تۈۋرۈكلەرگە جۇڭگوچە بىنالارنىڭ لەمپىسىنى يېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن نۇرغۇن نەپىس ئىمارەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
كاتولىك ئىبادەتخانىسى لۇئاۋ يولى 34 ـ نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، ئىسپانىيە كاتولىك دىنى جەمىيىتى شيامېنغا كېلىپ دىن تارقاتقاندا سالغان، تىپىك گوت ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەت. خىش ـ تاش قۇرۇلمىلىق، ئىمارەتنىڭ ئالدى تەرىپى قوڭغۇراق راۋىقى، بىرىنچى قەۋىتى كىرىش ئېغىزى، ئىككىنچى قەۋىتى ناخشا ئېيتىش ئۆيى، ئۈچىنچى قەۋىتى قوڭغۇراق مۇنارى. ئوتتۇرا ۋە ئارقا قىسمى تاق قەۋەت، ئوتتۇرىسى ئىبادەت زالى، ئارقا تەرىپى نەزىر سۇپىسى. زالدىكى قاتار تۈۋرۈكلەر ئىككى رەتكە ئايرىلغان بولۇپ. سىرتقى تام خىش ـ تاش قۇرۇلمىلىق بولۇپ سىرتىغا سۇۋاق بېرىلىپ ئاقىرتىلغان، قۇرۇلۇشنىڭ سىرتقى بېزىلىشى گوت ئۇسلۇبىدىكى كىچىك ئۇچلۇق مۇنار ۋە ئەتتىرگۈل شەكىللىك دەرىزە ئىدى.
20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، نۇرغۇن جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بەس ـ بەستە گۇلاڭيۈ ئارىلىغا كېلىپ ئۆي سالدى، 30 يىل ئىچىدە، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى گۇلاڭيۈ ئارىلىغا تەخمىنەن 1 مىڭ 100 داچا ئۆي سېلىپ، گۇلاڭيۈ قۇرۇلۇشى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %70 نى ئىگىلىدى.
گۇشىن يولى 43ـ نومۇرغا جايلاشقان سەككىز تەرەپلىك بىنا 1907ـ يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىڭ 710 كۋادرات مېتىر، سەككىز قىرلىق سىزىق سەككىز تەرەپلىك سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان، ئۈستى دېرىزىسى ھەممە تەرەپكە تۇتىتىشىدىغان بولۇپ، «سەككىز تەرەپلىك بىنا» دەپ ئاتالغان، ئۇ شيامېن يېقىنقى زامان قۇرۇلۇشىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. بەنچياۋدىكى لىن جەمەتىنىڭ ئەسلى يۇرتى فۇجيەندىكى لۇڭشىدا بولۇپ، جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە تەيۋەننى ئىشغال قىلىپ، لىن ئائىلىسى ئىچكىرى ئۆلكىگە كۆچۈپ، گۇلاڭيۈ ئارىلىغا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1924 ـ يىلى ياپونىيە كونسۇلخانىسى بۇ بىنانى ئۆتكۈزۈۋالغان ھەمدە بۇ يەردە شۈيىڭ بىلىم يۇرتى گۇلاڭيۈ شۆبىسىنى ئاچقان. 1938ـ يىلى ياپون ئارمىيىسى شيامېننى ئىشغال قىلغاندا، ۋاقىتلىق مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. شيامىن قولدىن كەتكەن مەزگىلدە، ياپونىيەنىڭ شۈيىڭ بىلىم يۇرتى قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن. 1945ـ يىلى 8ـ ئايدا ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى دۈشمەن قورچاقلىرىنىڭ مال ـ مۈلكى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، شيامېن داشۆسىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ھازىر شيامېن شەھەرلىك مۇزېي. بىر بىنانىڭ ئۆزگىرىشى تارىخىغا ئازاپلىق ئەسلىمىلەر يوشۇرۇنغان ئىدى.
بۇ كىچىككىنە ئارالدىن جۇڭگو ۋە دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن نۇرغۇن مەشھۇر شەخسلەر چىققان، مەسىلەن: لىن يۈتاڭ، لىن چياۋيا، لىن شيۇيا، خۇڭ يى ئەۋلىيا قاتارلىقلار......لىن چياۋيا دوختۇرنىڭ تۇغۇلغان جايى قىيا تاش يولى 47ـ نومۇر، بۇ ياۋروپاچە ئولتۇراق ئۆي بولۇپ، فىرانسىيە ئۇسلۇبى تۈسىنى ئالغان، يەنە «كىچىك سەككىز تەرەپلىك بىنا» ياكى «سەككىز بۇرجەكلىك بىنا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىككىنچى قەۋەتنىڭ ئۆگزىسى سەككىز قىرلىق شەكىلدە بولغانلىقى ئۈچۈن داڭلىق. لىن چياۋيا 1901ـ يىلى مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يەر رېمونت قىلىنىپ، ئەسلى قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ھەمدە «شيامىن ئەدەبىيات سارىيى» سۈپىتىدە ئېچىلىپ، داڭلىق ئايال شائىر شۇ تىڭ ساراي باشلىقى بولدى.
ئوخشىمىغان قۇرۇلۇش شەكىللىرىنىڭ بىرىكىش جەريانى يەنە كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ شاللىنىش جەريانى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى شۇكى، غەرب بىناكارلىقى پۈتۈنلەي غەربچە ھالەتتىن جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا ئۆتۈشكە قاراپ ئۆزگەردى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇسلۇبى بولسا كۆپ ھاللاردا يېرىم غەرىپچە يېرىپ جۇڭگوچە بولغان؛ يەرلىك ئاھالىلەرمۇ غەربنىڭ قۇرۇلۇشىنى چەتكە قېقىشتىن ئىختىيارسىز غەربنىڭ قۇرۇلۇشىنى دوراشقا يۈزلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىز بۈگۈن ئارالدا شۇنداق مول، كۆپ مەنبەلىك قۇرۇلۇشلارنى كۆرەلىدۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى