قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاپتوموبىلنىڭ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنىڭ راست يالغانلىقىنى ئېنىقلاشقا يېڭى تەدبىر قوللىنىلدى

2018-08-09 18:59:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇرۇن قاتناش ساقچىلىرى يولدا ئاپتوموبىللارنىڭ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنىڭ راست ـ يالغانلىقىنى تەكشۈرگەندە، ئاساسلىقى قاراپ ۋە تۇتۇپ بېقىپ پەرقلەندۈرەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنىڭ راست يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتە يېڭى تېخنىكا قوللىنىدىغان بولدى. قاتناش ساقچىلىرى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىسىلا، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنىڭ راست ـ يالغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ.
مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى تارقاتقان 新A بىلەن باشلانغان ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىغا ساختىلىقتىن ساقلىنىش يېڭى تېخنىكىسى قوللىنىلدى. قاتناش ساقچىلىرى ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى تەكشۈرگەندە، پەقەت ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلىسىلا، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنىڭ راست ـ يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈنۈم بۇرۇنقىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغان بۇ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنىڭ كەينىدىكى سول تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكى بىلەن ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدە بىر ساقچى بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كود بار. بۇ بۇرۇنقى ئىككىلىك كودقا ئوخشىمايدۇ.
«شىنجاڭ چيەنخەي كۋانت كودى پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى»نىڭ باش دىرېكتورى دەي باۋجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كۋانت كودى» نىڭ ئۇچۇر ساقلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خالىغانچە شەكىل چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ كود %80 كاردىن چىققان تەقدىردىمۇ، قالغان قىسمى ئارقىلىق ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇغىلى بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پەقەت قاتناش ساقچىلىرىلا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس يان تېلېفوندىكى ئەپ دېتالى ئارقىلىق ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىدىكى «كۋانت كودى» نى سىكاننېرلاپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن. يان تېلېفوندا سىكاننىرلىغاندىن كېيىن، سىستېما بۇ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنىڭ راست ـ يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېرىدىكەن. ئەمدى بۇرۇنقىدەك ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىدىكى خەت نۇسخىسىنى ئىنچىكىلەپ قاراپ سېلىشتۇرۇشنىڭ ياكى قول سېزىمىغا تايىنىپ نومۇر تاختىسىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، تەكشۈرۈش ۋاقتىمۇ زور دەرىجىدە قىسقارغان. ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىغا ساختىلىقتىن ساقلىنىش يېڭى تېخنىكىسىنى قوللىنىشتىكى مەقسەت، ئىلگىرى خەلق ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا ساختا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى بايقىغان. ساختا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ياساپ ئىشلىتىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە توسۇش ئۈچۈن، يېڭى تىپتىكى ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى قوللىنىش ئىنتايىن زۆرۈر بولغان. ساختا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ياساش ئەھۋالى بايقالسا، قاتناش ساقچىلىرى ئىككى مىڭ يۈەندىن بەش مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇش، 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش ھەمدە پىراۋىسىدىن 12 نومۇر تارتىش جازاسى بېرىدۇ. ئىگىلىنىشچە، بۇ تۈردىكى تېخنىكا يەنە داۋاملىق ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى