قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى <ساقچى، پوچتا، دوختۇرخانا> ھەمكارلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ئاھالىلەرگە ئۆيىگە يېقىن ئەتراپتا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى

2018-08-09 18:59:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن ـ كۆكتاغ رايونىدىكى ئاھالىلەر پراۋا ئېلىش ئۈچۈن سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بارمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. ئۇلار ئۆيىگە يېقىن جايدىلا سالامەتلىك تەكشۈرتەلەيدۇ. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتىن ئاۋۋال سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى، پراۋىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ۋە يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، قاتناش ساقچى تارماقلىرى «ساقچى، پوچتا، دوختۇرخانا» ھەمكارلىقىنى يولغا قويغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيىگە يېقىن جايدىلا سالامەتلىك تەكشۈرتەلەيدىكەن ھەمدە ماتېرىياللارنى پوچتا ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدىكەن.
ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى جاڭ دەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پراۋىنىڭ ۋاقتى توشۇپ ئالماشتۇرۇشنى مىسالغا ئالساق، سالامەتلىك تەكشۈرتكەندىن كېيىن، شوپۇرلار پوچتا ئىدارىسىغا بېرىپ، بىجىرمەكچى بولغان كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرىدۇ ھەمدە پوچتا ئىدارىسىگە تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ. قاتناش ساقچى تارماقلىرى كەسىپنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، پوچتا ئىدارىسى ئالماشتۇرۇلغان پىراۋىنى شۇ كىشى قالدۇرغان ئادرېسقا ئەۋەتىپ بېرىدۇ، نەق مەيداندا ساقلاپ تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق».
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مىچۈەن ـ كۆكتاغ رايونى گۇمۇدى شەرقى يولى پوچتا ئىدارىسى ۋە ساقچى، پوچتا، سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى «ساقچى، پوچتا، دوختۇرخانا» ھەمكارلىقىنىڭ سىناق نۇقتىسى قىلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى يەنە شەھەر بويىچە «ساقچى، پوچتا، دوختۇرخانا» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى