قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خۇبېي ئۆلكىسىدىكى بىر ئەر نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىغىلا باشقىلار بۇلاپ كەتكەن، ئەسلىدە ساتقۇچى بىلەن بۇلاڭچىلارنىڭ تىلى بىر ئىكەن

2018-08-09 19:00:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىرەيلەن ناھايىتى ئەرزان باھادا ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم دەپ خۇشال بولۇپ تۇرغاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئاپتوموبىل ئاچقۇچىنى قولىغا ئالغان شۇ كۈنى كەچتە، ناتونۇش بىر قانچە ئەر مۇشت كۆتۈرۈپ چىقىپ، تەھدىت سېلىپ ئاپتوموبىل ئاچقۇچى ۋە ئاپتوموبىلنى بۇلاپ كەتكەن. ساقچىلار بىر قانچە ئۆلكىگە چېتىشلىق بۇ دېلونى پاش قىلىپ، ئاپتوموبىل ساتقۇچىنىڭ دەل ئاپتوموبىل بۇلاش قىلمىشىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. 8-ئاينىڭ 6- كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق شۈ ئەپەندى خۇاڭپو پەنلوڭچېڭ ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى ساقچىخانىسىغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، دېلونى پاش قىلغان خەلق ساقچىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.
بۇ يىل 1- ئاينىڭ 27- كۈنى سەھەر سائەت 1 دە، شۈ ئەپەندى، ئاپتوموبىل ئىگىسى پېڭ X بىلەن مەلۇم بىر مېھمانساراينىڭ ئالدىدا كۆرۈشكەن. ئىككەيلەن ئىلگىرى توردا كېلىشكىنى بويىچە سودا شەرتلىرى توغرىلىق پاراڭلاشقاندىن كېيىن، پېڭ X بىر ئاق رەڭلىك داجۇڭ ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى شۈ ئەپەندىگە بەرگەن. شۇ ئەپەندى 55 مىڭ يۈەنگە بۇ رەنىگە قويۇلغان نىمكەش ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغان.
پېڭ X پۇلنى ئالغاندىن كېيىن كېتىپ قالغان. بىردەمدىن كېيىن ئۇ شۈ ئەپەندىگە تېلېفون بېرىپ، يان تېلېفونىنىڭ توك قاچىلاش سىمىنى ئاپتوموبىلدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. شۈ ئەپەندى پېڭ X گە ئاپتوموبىلنى مېھمانخانىنىڭ يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ كۈنى كەچتە قاتتىق قار ياغقاچقا، بۇ ئىككىيلەن ئاپتوموبىلنىڭ يېنىدا ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن. سەھەر سائەت 4 تىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، شۈ ئەپەندى يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ، ئاپتوموبىلدىن توك قاچىلاش سىمىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پېڭ X نى ساقلىغان. بىر چاغدا تۇيۇقسىز تۆت ئەر پەيدا بولۇپ ئۇنى ئورىۋالغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئادەم شۈ ئەپەندىنى كۈچەپ بىرنى تېپىپ ياتقۇزۇپ قويغان. قالغان ئۈچ ئادەم توك كالتىكى ۋە پىچاقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ شۈ ئەپەندىگە تەھدىت سېلىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇشقا قىستىغان. شۈ ئەپەندى قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغان، لېكىن ئاجىز كېلىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەم ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئۇنىڭ يان تېلېفونىنى بۇلاپ ئېلىپ، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كەتكەن. قالغان ئۈچى شۈ ئەپەندىنى تازا بىر دۇمبالىغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئوقتەك چىقىپ كەتكەن. شۈ ئەپەندى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىققان. يول بويىدا ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار ئۇنى يان تېلېفوننىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئېيتىشقا قىستىغان. قارشى تەرەپ ئۇنىڭ يان تېلېفونىدىن ئۈندىداردىكى پاراڭلىشىش خاتىرىسى ۋە بانكا ھېسابات يۆتكەش خاتىرىسىنى ئۆچۈرۋەتكەندىن كېيىن، يان تېلېفوننى شۈ ئەپەندىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويۇپ قېچىپ كەتكەن.
خەلق ساقچىلىرى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا شۈ ئەپەندىنىڭ ھېسابات يۆتكەش خاتىرىسى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى پېڭ X نىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەن. ساقچىلار دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىكى كۈزىتىش ئاپاراتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ تۆت زوراۋان يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىرىشتىن بۇرۇن يەنە بىر شېرىكىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغانلىقىنى، بۇ ئادەمنىڭ دەل پېڭ X ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ساقچىلار شۇ كۈنى كەچتە زوراۋانلار بۇلاپ كەتكەن ئاپتوموبىلنىڭ داڭياڭغا، ئارقىدىنلا يەنە شەنشىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. ساقچىلار ئۆلكە ئاتلاپ ئىز قوغلاپ، 7- ئاينىڭ 19- كۈنى داڭياڭدا پېڭ X نى تاپقان. 7- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۇنىڭ ئۈچ شېرىكى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قولغا چۈشكەن. يەنە بىر گۇماندار چۈ X نىمكەش ئاپتوموبىل ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا شەنشى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چۈ X بىلەن پېڭ X نىڭ نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى قىلىپ باققانلىقى، بۇ جەرياندا رەنىگە قويۇلغان ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بايقاپ، «ئاۋۋال ئاپتوموبىل سېتىش، ئاندىن ئامال قىلىپ ئاپتوموبىلنى ئالداپ ئېلىپ كېتىش ياكى بۇلاپ كېتىش» تىن ئىبارەت «دەسمايىسىز سودا» نى ئويلاپ چىققانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن يۇرتداشلىرىدىن جېڭ X قاتارلىق ئۈچ كىشىنى تېپىپ كېلىپ، خۇبېي ۋە شەنشى ئۆلكىلىرىدە كۆپ قېتىم دېلو سادىر قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان. بىر نەچچە ئادەم «سېتىۋالغۇچى»، «ساتقۇچى»، «ۋاستىچى»، «ئۇرۇق ـ تۇغقان» دېگەندەك قىياپەتلەرگە كىرىۋېلىپ، ئاۋۋال نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالداپ نەق مەيدانغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئاپتوموبىل سېتىپ پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئاپتوموبىلنى بۇلاپ كەتكەن ياكى ئالداپ ئېلىپ كەتكەن.
نۆۋەتتە، بۇ تۆت كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى بۇ شايكىنىڭ بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۈچ قېتىم دېلو سادىر قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان. بۇ دېلو يەنە داۋاملىق تەكشۈرىلىۋاتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى