قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بېقىلغۇچى بېقىش ھەققىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ

2018-08-09 19:01:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆپچىلىككە مەلۇم، ئەر ـ خوتۇنلار ئاجراشقاندا، بالىنى كىم باقىدۇ، بېقىش ھەققىنى قانداق بېرىدۇ، كونكرېت سوممىسى قانچە بولىدۇ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن چاغدا ئېنىق بېكىتىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئەگەر مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى باھانە قىلىپ، بېقىش ھەققىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، سوت مەھكىمىسى قوللامدۇ؟
ئەمدى بىز بىر دېلو مىسالىنى ئاڭلاپ باقايلى!
دەۋاگەر شاۋ X جاۋابكار شاۋ X نىڭ قىزى بولۇپ، 2006- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى تۇغۇلغان. بۇلتۇر 9- ئايدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان. جاۋابكار دەۋاگەرنىڭ ئانىسى شيا X بىلەن 2011- يىلى 3- ئاينىڭ 2- كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرى بوشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئارقىلىق ئاجراشقان. ئاجرىشىش كېلىشىمىدە دەۋاگەرنى ئانىسى شيا X بىۋاستە باقىدىغان، جاۋابكار دەۋاگەر قۇرامىغا يەتكۈچە ھەمدە مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگۈدەك بولغۇچە ھەر ئايدا 400 يۈەندىن بېقىش ھەققى بېرىدىغان بولغان. دەۋاگەر شاۋ X يېشىنىڭ چوڭىيىشى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تۇرمۇش، تەربىيەلىنىش چىقىمىنىڭ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، جاۋابكار شاۋ X تىن بېقىش ھەققىنى ھەر ئايدا 1000 يۈەنگە كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. جاۋابكار شاۋ X دەۋاگەر شاۋ X نىڭ دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلمىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇقىم خىزمىتىنىڭ يوقلىقىنى، ھەر ئايدا تەخمىنەن ئىككى، ئۈچ مىڭ يۈەن ئەتراپىدىلا كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
دۆلىتىمىز «تويلىشىش قانۇنى» نىڭ 37- ماددىسىدا: «ئاجراشقاندىن كېيىن، بىر تەرەپ بېقىۋاتقان پەرزەنتنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يەنە بىر تەرەپ ئۈستىگە ئېلىشى، ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنىڭ ئاز ـ كۆپلۈكى ۋە مۇددىتىنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقىلىقىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىشى كېرەك؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيەلىنىش خىراجىتى توغرىسىدىكى كېلىشىم ياكى ھۆكۈم، پەرزەنتلەرنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئاتا ـ ئانىسىدىن كېلىشىم ياكى ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مىقداردىن كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
يۇقىرىقى دېلودا، دەۋاگەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى، تەربىيەلىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي چىقىمىمۇ ئاشقان. ئۇنىڭ تەلىپى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن. ئۇنىڭدىن باشقا 2011- يىلى ئىككى تەرەپنىڭ مۇرەسسە كېلىشىمىگە ئاساسەن ھەر ئايدا 400 يۈەندىن بېكىتىگەن بېقىش ھەققى ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغاچقا، دەۋاگەرنىڭ بېقىش ھەققىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىشى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن. سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ تەلىپىنى قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بېقىش ھەققى بېقىلغۇچىنىڭ زۆرۈر بولغان ئاساسىي تۇرمۇش، مائارىپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەن قىسمىنى قوللاشقا بولمايدۇ. دەۋاگەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، ئاتا ـ ئانىسى ئىككى تەرەپنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە شۇ جاينىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش سەۋىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، سوت مەھكىمىسى جاۋابكارنىڭ ھەر ئايدا دەۋاگەرگە بېرىدىغان بېقىش ھەققىنى 700 يۈەنگە كۆپەيتىپ بېرىشىنى، دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنىڭ ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى قوللىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.
سوتچى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: كېلىشىش ياكى دەۋا ئارقىلىق ئاجرىشىش دېلولىرىدا بېقىلغۇچىنىڭ بېقىش ھەققىنى بېرىش ھەققىدىكى پۈتۈم قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەمەلىي تۇرمۇش، مائارىپ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ، بېقىش ھەققىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇ بېقىش خىراجىتى بېقىلغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاساسىي تۇرمۇش، داۋالىنىش ۋە تەربىيىلىنىش ئۆلچىمىنى قاندۇرۇش شەرتى ئاستىدا بىكىتىلىدۇ. دەرىجىدىن تاشقىرى ئىستېمال تەلىپى قانۇننىڭ قوللاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى