قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئىجراچىسى سۇڭ رېنۋېي

2018-08-09 19:02:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئىجراچىسى سۇڭ رېنۋېينىڭ ئىجرا قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىجرا قىلغان دېلو سانى ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋەزىپىسىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. ئۇ قانداق قىلىپ بۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلىگەن؟
سۇڭ رېنۋېي ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىجرا ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئېچىپ، رەت نومۇرى بويىچە دېلونى بىر ـ بىرلەپ كۆرۈپ چىقىدۇ ھەمدە رەتكە تۇرغۇزىدۇ. 15 كۈنگىچە بىر تەرەپ قىلىنمىغان دېلولارنى تاللاپ چىقىپ، ئەتىسى ئىشقا چىققاندا قايتىدىن تىزىدۇ. سۇڭ رېنۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنى قايتا تىزىشتىكى مەقسەت خىزمەتلەرنى رەتلەپ چىقىپ، كۆڭۈلدە سان بولۇش، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى تۈزۈشتىن ئىبارەت.
2016- يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەدۋىلىنى تۈزىۋاتقان ئىدى. بىر ئىجرا قىلدۇرۇش دېلوسىدا ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ھېسابات ئۇچۇرىنى تەكشۈرىۋىتىپ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ھېساباتىدا پۇل بارلىقىنى بايقاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دەرھال ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ مىچۈەن ـ كۆكتاغ رايونىدىكى ھېسابات ئاچقان بانكىغا بېرىپ، بۇ ھېسابات نومۇرىنى توڭلىتىۋەتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھېساباتتىكى پۇلنىڭ ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ بانكىغا قايتۇرغان قەرز پۇلى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇ دېلونىڭ ئىجرا قىلىنىش پۇلى ئىككى مىڭ يۈەن بولۇپ، گەرچە دېلوغا چېتىشلىق پۇل كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ نامىدىكى ھېساباتىدا ئىزچىل پۇل بولمىغاچقا، ئۇنى ئۈستىگە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، سوت مەھكىمىسى ئىجرا سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن باشقا مۈلۈكلەرنى پېچەتلىيەلمەيدىغان بولغاچقا، ئۇ ئىزچىل ساقلاپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. توڭلىتىلغان ھېساباتتىكى پۇل ئىككى مىڭ يۈەنگە يەتكەندە، سۇڭ رېنۋېي بانكىغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ، ئىجرانى بىر قېتىمدىلا تۈگەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، بانكا ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىغا تېلېفون بېرىپ ھېساباتى توڭلىتىلغاچقا، قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى قايتا پەيدا بولۇپ، سوت مەھكىمىسىدىن ھېساباتنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
سۇڭ رېنۋېي ئۆزىنىڭ تەسىراتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: دېلولارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا ئىجرا قىلغۇچى سوتچى چوقۇم سەۋرچان بولۇشى، تىزىملىكنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق، دېلودىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشنى بايقاپ، تېز ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دېلونى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.
بۇلتۇرنىڭ بېشىدا ئىجرا قىلىش ۋاقتى ئۈچ يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن بىر دېلو سۇڭ رېنۋېينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. دېلودا ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى بىر ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركىتى بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق سومما بەش مىليون يۈەن ئىدى. بۇ شىركەت ۋەيران بولغان، قانۇنى ۋەكىلىنىڭ نامىدىمۇ ھېچقانداق مۈلۈك بولمىغاچقا، ئىجرا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، خىزمەتچى خادىملار ئىشنى كېپىل بولغۇچىدىن باشلاپ، باشقا مۈلۈكلەرنى ئىزدەشنى قارار قىلغان ئىدى. سۇڭ رېنۋېي يېڭى بىر ئىجرا لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققىچە، كېپىل بولغۇچىنىڭ مال ـ مۈلكىنى يۆتكەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.
سۇڭ رېنۋېي بىر تەرەپتىن ئىجرا قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەھكىمە رەھبەرلىرىگە بۇ دېلوغا كېپىل بولغۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى. سۇڭ رېنۋېي تۇتۇپ تۇرۇش قارارنامىسىنى ئېلىپ كېپىل بولغۇچى چۈشكەن مېھمانخانىغا بارغاندا، قارشى تەرەپنىڭ 10 مىنۇت بۇرۇن ياتاقنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، سۇڭ رېنۋېي ھەر كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى كادىر ساقچىلارنى باشلاپ، كېپىل بولغۇچىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇردى. ئەمما ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىدى. ئۇ كېپىل بولغۇچىنىڭ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ سىستېمىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئەتىسى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىۋالغانلىقىنى بايقىدى. خىزمەتچى خادىملار ئايرودرومدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىدا پەيدا بولغاندا، ئىجرا قىلىنغۇچى ھاڭ تاڭلا قالدى. شۇ كۈنى ئۇ ئۈچ مىليون يۈەن قەرزنى قايتۇردى ھەمدە ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن قالغان ئىككى مىليۇن يۈەن قەرزنى قايتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى.
شۇنداق قىلىپ، سۇڭ رېنۋېي يەنە بىر دېلونى ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلدى. سۇڭ رېنۋېينىڭ يەنە بىر ئادىتى بار، يەنى ئىجرا قىلىنىدىغان بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى ھۆججەت ساندۇقىغا سېلىپ، ئاندىن دېلو نومۇر تەرتىپى بويىچە ئىشكاپقا تىزىدۇ. ئۇ ھەر بىر ئىجرا دېلو ماتېرىيالىنىڭ ئىشكاپنىڭ قانچىنچى تارتما، قانچىنچى رېتىدە ئىكەنلىكى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا دەۋالاشقۇچىلار ئىشخانىغا كەلگەندە، ئۇ ناھايىتى تېزلا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تېپىپ بېرەلەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى