قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 بىرقانچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-08-09 19:11:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەڭ مودا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى؛
چىڭخۇا داشۆسىنىڭ 2018- يىللىق يېڭى نۇسخىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ پۈتۈنلەي قولدا ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئىنتايىن ئۆزگىچە. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئاچسا، مەكتەپنىڭ «ئىككىنچى دەرۋازىسى» قەغەز يۈزىدە ستېرېئولۇق جانلىق نامايەن بولىدۇ. چىڭخۇا داشۆسىنىڭ «ئىككىنچى دەرۋازىسى» مەكتەپنىڭ شانلىق تارىخىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە بۇنىڭدا يېڭى دەۋرگە خاس بىرخىل ئۆزگىچىلىك مۇجەسسەملەنگەن. بۇ خىل ئىنتايىن مودا بولغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا ئىلھام، ئەقىل- پاراسەت، ياشلىق ۋە كەلگۈسى ئىپادىلەنگەن.
ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىنغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى؛
جياڭنەن داشۆسى 2018- يىلى 11- ئايدا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. كۈتۈۋېلىش تەبرىكلەش ھارپىسىدا، جىياڭنەن داشۆسى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش ئارقا كۆرۈنىش قىلىنغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئالاھىدە لايىھەلىدى. بۇنىڭدا سائەت تاختىسى لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، جياڭنەن داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچى تەربىيەلەۋاتقىنىغا توپتوغرا 60 يىل بولغانلىقى، ئۆز بۇرچىنى ئۇنتىماي داۋاملىق ئوقۇغۇچى تەربىيىلەيدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. سائەت تاختىسى ئايلانمىسى لاھىيەسىدە --- جياڭنەن داشۆسىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان گۈزەل ئارزۇلىرى ئىپادىلەنگەن.
زامان ھالقىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى؛
ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى دەۋرىدىكى ئوردا ئىمتىھانىدىن كېيىن، سېرىق قەغەزگە ماقالە يېزىش، يېڭى تەشرىپدارلارنى قوبۇل قىلىش ھەمدە دەرىجىسىنى ئېلان قىلىش ئەينى ۋاقىتتا «ئېلان تاختىسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، تەشرىپدارلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەنلەرنى «ئالتۇن تاختىغا ئىسمى چىققانلار» دەپ ئاتىغان. نەنجىڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، قەدىمىي پۇراققا ئىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى قەدىمقى زاماننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى خۇددى قەدىمقى زاماندىكى تەشرىپدارلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن تالىپلاردەك ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئون نەچچە يىل تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئاخىرى ياخشى مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم، دەپ پەخىرلىنىدۇ.
ئەڭ كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى؛
تومۇز ئىسسىقتا، شەنشى سىفەن داشۆسىنىڭ پېشقەدەم پروفېسسورلىرى ئۆلچەملىك موي قەلەم بىلەن، ھەر بىر پارچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ يازدى. بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ كۆڭۈل قويۇپ يېزىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتنىڭ يېڭىلىنىش بەك تېز بولغان دەۋردە، قەلەم بىلەن خەت يازغاندا خەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىش دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش. شەنشى سىفەن داشۆسىنىڭ پېشقەدەم پروفېسسورلىرى سىياھنى ئېرىنمەي ئىزىپ، خەتلەرنى چىرايلىق يېزىپ جۇڭگو خەتتاتلىقىنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغان.
قەدىمىيلىك پۇرىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى؛
بۇ يىل جېجياڭ ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ 2015- يىلىدىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىم يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا بامبۇكتىن ياسالغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بامبۇك قەغەز--- جېجياڭ ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان بامبۇكنى نېپىز رەندىلەش تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىلغان بولۇپ، قەغەزگە ئوخشاش نېپىز ھەمدە قاتلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا بامبۇكنىڭ پۇرىقى بار بولۇپ، ئۇقتۇرۇش يۈزىدىكى مەكتەپ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. بۇ، جېجياڭ ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەربىر دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلىغان سەنئەتلىك سوۋغىتى.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىغا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش ئىدىيەسى، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇزاق تارىخى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگىچە بولغان مەكتەپ مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىشنىڭ باشلىنىشى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەجرىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب. سىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى قولىڭىزغا ئالغان ۋاقىتتىكى كەيپىياتىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى