قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نەننىڭنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرى

2018-08-09 19:12:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ماتى پروژنىسى؛
ماتى پروژنىسى--- سەل سۈزۈك بولۇپ، چايناشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ، يەنە ئازراق چۈرۈكلىكىمۇ بار. ماتى پروژنىسىنىڭ كۈنجۈت تەملىك، ئاناناس تەملىك قىيمىلىرى بار بولۇپ، ئۈستىگە يەنە شېكەر سېپىپ بەرسە، ياز پەسلىدە تولىمۇ قالتىس يېمەكلىك بولىدۇ.
قاچىلىق پروژنىسى؛
قاچىلىق پروژنىسى بىلەن ماتى پروژنىسىنىڭ خام ئەشياسى ئوخشىمىغان بىلەن تەمى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تاشقى جەھەتتە قاچىلىق پروژنىنىڭ شەكلى ئىنتايىن چاققان كېلىدۇ. بۇنى ھېجىر قاچىسىغا قاچىلايدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ئۇماق. بۇنىڭ ئىچىگە قىزىل پۇرچاق ياكى كوكۇس تالاسى قاتارلىق ئوخشىمىغان تەملەرنى ئارلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
توخو قانىتى ئىچىگە سېلىنغان گۈرۈچ تامىقى؛
گۈرۈچ تاماقتا توخو گۆشىنىڭ سۇس تەمى بار بولۇپ، توخو گۆشىگىمۇ گۈرۈچنىڭ خۇشپۇرىقى سىڭگەن بولىدۇ. بۇنى تورسىمان تۆمۈردە قاقلاپ پۇشۇرىدىغان بولۇپ، رەڭگى ساپسېرىق، قارىغانلا كىشىنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كېلىدۇ.
دوستلار پىتوزىسى؛
نەننىڭدە دوستلار پىنتوزىسىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. بۇ ئاساسلىقى بامبۇك نوتىسى ۋە ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسىنى قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان بولۇپ، ئاچچىق- چۈچۈك ئىنتايىن يىيىشلىك. ئاچچىق- چۈچۈك دوستلار پىنتوزىسىنى يازدا يېگەندە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، قىشتا يېگەندە سوغۇقنى ھەيدەيدۇ.
گۈرۈچ تۈگرىسى؛
دوستلار پىنتوزىسىدىن باشقا يەنە، گۈرۈچ تۈگرىسىنىمۇ تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. گۈرۈچ تۈگرىسى ئادەتتىكى تۈگرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ جىلتىسىنى گۈرۈچ ئۇنىدا يۇغۇرىدىغان بولۇپ، يىگەندە يۇمشاق تېتىيدۇ. بۇ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىكى بولۇپ، باشقا جايلاردا يىيەلىشىڭىز ناتايىن.
چۈچۈمەل يېمەكلىك؛
شۇ يەرلىكلەر كۇلى بىيىسى، ئاناناس، تۇرۇپ، ئالما، ئالۇچا، نىلۇپەر يىلتىزى، كەرەپشە قاتارلىق سىز ئويلىغان ھەتتا ئويلاپمۇ باقمىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى پاكىزە يۇيۇپ پارچىلاپ ئىدىشقا سېلىپ، ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ، ئاق شىكەر قاتارلىقلار بىلەن ئارلاشتۇرۇپ چىلايدۇ. تەمى چۈچۈك، تاتلىق، تۇزلۇق، مىززىلىك، چۈرۈك بولۇپ،نەننىڭغا بارغاندا بۇ يېمەكلىكنى چوقۇم تېتىپ بېقىش كېرەك.
تاتلىق كۆيۈك ئۆردەك؛
نەننىڭلىقلار قەدىمدىن بېرى ئۆردەك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ نەننىڭنىڭ ھاۋا كېلىماتى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ، نەننىڭلىقلار ئۆردەك گۆشىنىڭ ئىسسىقنى ھەيدەش رولى بار، دەپ قارايدۇ. نەننىڭ كۆيۈك ئۆردىكىگە نەننىڭنىڭ يەرلىك ئۆردىكىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئېتى يۇمشاق، سۆڭىكى خۇشپۇراق كېلىدۇ. رايون دائىرىسى ئوخشىمىغانلىق سەۋەبلىك ماتېريال تاللاش شەكىللەنگەن بولۇپ، ئېتىش جەريانى ۋە يىيىش ئۇسۇلى جەھەتلەردە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
تۈرمەل؛
ھورى چىقىپ تۇرغان گۈرۈچ قىيامىنى ئاق داكىنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ، پەتنۇسقا سېلىپ، ئاندىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان گۆش ۋە پىيازدىن تەييارلانغان قىيمىنى چاچىمىز. قىيمىنىڭمۇ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئاساسەن تەييارلىسا بولىدۇ. دۈملەپ پۇشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ياستۇق شەكىللىك قىلىپ قاتلىنىدۇ. يەيدىغان چاغدا سېرىق پوستىلىق قىيام، كۈنجۈت يېغى قاتارلىق تېتىتقۇلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يىسە تولىمۇ مەززىلىك بولىدۇ.
يۈز مېتىر كېلىدىغان داڭلىق جۇڭشەن يولى كوچىسىدا 200 دىن ئارتۇق دۇكان بار. نەننىڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇششاق يېمەكلىكلىرىدىن باشقا، يەنە ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەكلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، توخو قانىتى تۈگرىسى مۇشۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى. بۇ يېمەكلىكلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. توخو قانىتى تۈگرىسى پىشقاندىن كېيىن توخو گۆشىنىڭ خۇشپۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن چۈرۈك. بۇنىڭ ئىچىگە ياغدا قورۇلغان نومى گۈرۈچى تامىقى بار بولۇپ، چايناشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ. بەرەڭگە قوشۇلغان ياغلىق تاماق مايلىق بولغان بىلەن كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ. ئۇششاق يېمەكلىكلەر بازىرىدا ئەڭ كۆپ بولغىنى كاۋاپ، كاۋاپ دۇكىنىنىڭ تاماق ئۈستىلىدە خېرىدارلار لىپمۇلىق ئولتۇرۇشۇپ كېتىدىغان بولۇپ، داڭلىق ئاشپۇزۇللاردا ئۆچرەت ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ داڭلىق بولغىنى يەنىلا قاقلاپ پىشۇرۇلغان خام مۇلى قۇلۇلىسى. گۇاڭشىنىڭ خام مۇلى قۇلۇلىسى بەك داڭلىق، ھەر كۈنى بېيخەيدىن ئېلىپ كېلىنگەن يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يەيدىغان بولۇپ، يۇمشاق ھەم سىلىق، چۈرۈك ھەم شىرنىلىك. قويۇق سامساق بىلەن پىنتوزا ھەقىقەتەن خام مۇلى قۇلۇلىسى سېسىق پۇرىقىنى يۇشۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ مەززىلىك. يېمەكلىكلەر توغرىسىدا تولىمۇ كۆپ سۆزلەپتۇق، كۆپچىلىكنىڭ ئېغىزىغا ئاللىقاچان سېرىق سۇ يىغىلدىغۇ دەيمەن. ئەمەلىيەتتە جۇڭشەن يولىدىكى يېمەك- ئىچمەكلەر بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندىنمۇ كۆپ. لېكىن كونكرېت تۈرىنىڭ قانچىلىكلىكى توغرىسىدا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز كېلىپ ئىزدىنىپ بېقىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى