قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 غەربى كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول توردىكى قىززىق نۇقتىلىق بېكەتلەر

2018-08-09 19:13:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىلگىرى شىئەندىن كۇنمىڭغا ئەڭ تېز سۈرەتتە بېرىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش كېرەك ئىدى، لېكىن ئايروپىلان بېلىتى ئىنتايىن قىممەت ئىدى. پويىزنىڭ قاتتىق ئورۇندۇقىنىڭ بېلەت باھاسى ئەرزان، لېكىن ئادەم 25 سائەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. راھەترەك بولغان يۇمشاق كارۋاتلىق بېلەتنىڭ باھاسى يۇقىرى سۈرەتلىك پويىزنىڭ بېلەت باھاسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بىر كۈنلۈك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش بىلەن بىرگە كىشىنى تولىمۇ ھارغۇزىۋېتىدۇ. ھازىر پۈتۈن مۇساپىگە پەقەت 10 سائەتلا ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ئەتتىگەندە شىئەندە راڭپىزا ۋە گۆش مومىسى، چۈشتە چوڭچىڭدا يەلقازان شورپىسى، چۈشتىن كېيىن كۇنمىڭدا كىچىك قازانلىق گۈرۈچ ئۇنى چۆپى ۋە يەلقازان توخوسى يىيىش پەقەتلا مەسىلە ئەمەس. غەربىي- كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەخت شىئەندىن يولغا چىقىپ، تاغ دەريالىرى كۆپ سىچۈەنگە كېلىپ، GPS پەقەتلا ئىشلىمەيدىغان D5 لىق سېھىرلىك شەھەر چوڭچىڭدىن ئۆتۈپ، يەنە تاغ دەريالىرى يېشىللىق بىلەن قاپلانغان گۇيجۇدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا باھار شەھىرى، دەپ نامى بار كۇنمىڭغا بارىدۇ. كۇنمىڭغا كەلگەندە ساياھەت ھەقىقىي باشلىنىدۇ، بۇ يولدىكى مۇھىم بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى ساياھەت لىنىيەسىدىكى توردىكى قىززىق نۇقتىلىق شەھەرلەر. بۇ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يولنى جۇڭگونىڭ ئەڭ گۈزەل جايلىرىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرغان تۆمۈر يول دېيىشكە بولىدۇ. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە غەربى كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول توردىكى قىززىق نۇقتىلىق بېكەتلەرنى تونۇشتۇرىمىز.
شىئەننىڭ شىمالى؛
شىئەن بولسا 13سۇلالىنىڭ قەدىمىي پەيتەختى، تارىخىي مەشھۇر شەھەر. شىئەن جۇڭگو تارىخىدا ئەڭ كۆپ پەيتەخت قىلىنغان شەھەر بولۇپ، تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ مەركىزىي شەھەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ يەرگە كېلىپ تارىخ ۋە گۈزەل مەنزىرىلەرنى چوقۇم كۆرۈش كېرەك. بۇ يەرگە كېلىپ چوقۇم موي قەلەم پىرەنىكى ۋە چىنە ھاراقنى تېتىپ بېقىش كېرەك.
خەنجۇڭ ئويمانلىقى؛
خەنجۇڭ تىلغا ئېلىنسا، سىز چوقۇم ھەممە يەرنى قاپلىغان قىچىنى ئېسىڭىزگە ئالىسىز. قىچا ئېتىزى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەنزىرىسى كىشىنى ئىنتايىن مەپتۇن قىلىدۇ. ھەر يىلى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ نامىنى ئاڭلاپ بەس- بەستە كېلىشىدۇ. بىراق بۇ يىللىق گۈل پەسلى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، 3-،4- ئايلار ئەڭ ياخشى گۈل سەيلىسى قىلىدىغان مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گۈلنىڭ چىچەكلەش مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويغان بىلەن، يېمەكلىكلەرنى ھەرگىزمۇ قولدىن بېرىپ قويماڭ. خەنجۇڭ ئويمانلىقى جۇڭگو بويىچە مەشھۇر ئاشلىق ئامبىرى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ «بەختلىك ماكان» ۋە «بېلىق - گۈرۈچ ماكانى» دېگەن نامى بار. خەنجۇڭنىڭ گۈرۈچى، دۇفۇسى، قۇتىلىق چېيى قاتارلىقلار ئىنتايىن ئۆزگىچە.
خېچۈەن بېكىتى؛
خېچۈەن بېكىتىگە كەلسىڭىز، ئاچچىق- چۈچۈك يېمەكلىك ماكانى چوڭچىڭغا كەلگەن بولىسىز. چوڭچىڭنىڭ خېچۈەنگە نىسبەتەن، لەيتەن ساھىلى قەدىمىي بازىرى چوقۇم بېرىشقا تېگىشلىك جاي. قەدىمىي بازارنىڭ ئۈچ تەرىپىدە تىك يار بار بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كەنت» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ يەردە قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ بولۇپ، كونا بازار ۋە كوچىلار قەدىمىي ۋە نەپىس.
چۈجىڭنىڭ شىمالى؛
چۈجىڭغا كەلسەك يۈننەن ئۆلكىسى تەۋەلىكىگە كىرگەن بولىمىز. سىز ئەڭ گۈزەل مەنزىرىنى ئىزدىگەن بولسىڭىز مەملىكەت بويىچە ئەڭ داڭلىق چۈجىڭدىكى لوپىڭ قىچا گۈللىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز چۇغراپىيىلىك ئاجايىپ مەنزىرىنى ئىزدىگەن بولسىڭىز لۇلياڭدىكى رەڭلىك سارىن ئورمىنى ئەڭ ياخشى تاللاش بولىدۇ. ئەگەر سىز شاۋقۇن سۈرەندىن يىراق تۇرماقچى بولسىڭىز يەر ئاستى سەنئەت ئوردىسى تەبىئىي ئۆڭكۈرى، جىيۇلۇڭ باۋبۇ توپى، گۈزەل دويىخې دەرياسى، «كىچىك سەنشىيا» دېگەن نامى بار بۇلۇگې جىلغىسى قاتارلىق جايلارغا بارسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھەممىسى كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ.
كۇنمىڭنىڭ جەنۇبى؛
كۈنمىڭ غەربىي كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ھەمدە يۈننەن ساياھىتىنىڭ باش بېكىتى. كۇنمىڭ شەھىرىنى چۈشەنمەيدىغانلار بۇ يەرنى پەقەت ئۆتەڭ دەپلا ئويلاپ ئالدىراشلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. دېققەت قىلغان ئادەم بۇ يەرنىڭ گۈللەر بىلەن قاپلانغانلىقىنى، گۈزەل مەنزىرە بىلەن تولغانلىقىنى بايقايدۇ. غەربى تاغ ئۈستىدىكى دىيەنجىن كۆلچىكى، خەيگېڭ باغچىسىدىكى چايكا، داگۇەن راۋىقى قاتارلىقلار بار بولۇپ، قورساق ئاچقاندا نەنپىڭ كوچىسىغا بېرىپ غىزالانسا بولىدۇ. ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىز ئەڭ گۈزەل باھار شەھىرىنى سەيلە قىلالايسىز. ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ مەنزىرىلىرى كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە يول بويىدىكى مەنزىرىلەر كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ. شىئەندىن كۇنمىڭغىچە ھەر بىر بىكەتتە سىز ئويلىمىغان خوشاللىقلارغا ئېرىشەلەيسىز. بۇ يەر سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ چوقۇم بىر ساياھەت قىلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى