قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرپان شەھىرى ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى

2018-08-09 19:19:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۇرپان-- داڭلىق ساياھەت شەھىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ساياھەتچىلىكنى ئىستىراتېگىيەلىك تۆۋرۈك كەسىپ قاتارىغا قويۇپ، يېڭىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت كەسپىي شەكلىنى پائال ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك قاتنىشىنى ئۈزۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
ھازىر دەل ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلى. تۇرپاندىكى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزالىدا، ساياھەتچىلەر بېكەتتىن چىقىپلا ئۇدۇل ساياھەت يېتەكچىسى بار ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلسا بولىدۇ. ئۈرۈمچىدىن بارغان ساياھەتچى جۇ يەنيەن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بارالايدىكەنمىز. ساياھەت جەريانىدا ئۇلارمۇ مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ، ماشىنا ئالماشمىساقمۇ بولىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق.
تۇرپان مەنزىرە رايونىدىكى ئايلانما ساياھەت ئاپتوبۇسى بۇ يىل 7- ئاينىڭ 15- كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇ لىنىيەنى باشقۇرىۋاتقان شەنشەن ساياھەتچىلىكى تۇرپان كەسپىي ئىشلارنى باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ليۇ فۇشىن تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ئەتتىگەن 10دىن 15 مىنوت ئۆتكەندە، شىمالىي ۋوگزالدىن يولغا چىقىپ، كەچ سائەت 6دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە، ساياھەتچىلەرنى تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا ئەكىلىپ قويىمىز. بۇ ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئەڭ زور چەكتە تىجىگىلى، بىر كۈنلۈك ساياھەتكە كەلگەنلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.
تۇرپاندىكى قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش كىچىك بازىرىدا، قاتار- قاتار كەتكەن ئائىلىۋى مىھمانخانىلار، يېڭىدىن زىننەتلەنگەن خادىكلار-- ساياھەتچىلەرگە ئاتەش ماكان تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى ھىس قىلدۇردى. ساياھەتچى ئارزىگۈل نىزاخۇن مۇنداق دېدى: بۇ يەر بەك سالقىن بولۇپ، پاشىمۇ يوق ئىكەن. ئۆيلەر بەك راھەت ئىكەن. قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش قولاي بولۇپلا قالماي، تاماق يىيىشىمىزگىمۇ قولاي بولىدىكەن. بىز بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇق.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ساياھەت ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەت بويىچە «چوڭ مەنزىرە رايونى» بەرپا قىلىپ، يارغول ۋە ئىمىن ۋاڭ مۇنارىنى كېچىدە سەيلى قىلىش قاتارلىق ساياھەت يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى، تۇرپان ئۈجمە سەيلىسى، قۇملۇق ساياھىتى، ئايدىڭكۆل مۇز ئۈستى ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى ئارقىلىق، ئىلگىرىكى يەككە پەسىللىك ساياھەتچىلىكنى پۈتۈن پەسىللىك ساياھەتچىلىككە ئۆزگەرتىپ، تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت مەزمۇنى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىپ، ساياھەت ئىستېمال سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت بازىرنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغىچە، بۇ يىل تۇرپان شەھىرىدە ساياھەت قىلغانلار 8 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالى 7 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا %54 ۋە %62 ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى