قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساياھەتچىلەر چىڭگىل ناھىيىسىدىكى 30 مىڭ ئاپتاپپەرەستىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى

2018-08-09 19:20:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئاپتاپپەرەس ئېچىلغاندا، ئاقدالادا بەھۇزۇر سەيلىسى قىلىش» ساياھەت بايرىمى رەسمىي باشلاندى، شۇ جايدىكى 30 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئاپتاپپەرەس نەچچە مىڭ ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاقدالا بازىرى ئاپتاپپەرەس بازىسىغا ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن نەچچە مىڭ ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى توپلاندى.
چىڭگىل ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاقدالا بازىرى چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 45 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە 30 مىڭ مو كۆلەمدە ئاپتاپپەرەس تېرىلغان، نەچچە مىڭ مو يەرگە بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، بېدە قاتارلىقلار تېرىلىدىكەن، ئاپتاپپەرەس ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، مۇشۇ بايرامدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي ساياھەت بايلىقلىرى، مەسىلەن: چىڭگىل ناھىيىسىدىكى سىرلىق ئۈچ كۆل، گۈزەل تاۋچاغانغول كۆلى، ھەيۋەتلىك ۋە سىرلىق قاراشەنگىر تەۋرەش مەركىزىي رايونى، بۇلغۇن دەرياسى قۇندۇز تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ئىكەن. چىڭگىل ناھىيىسى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، ئۆز جايىنىڭ ساياھەت دەرىجىسى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ياز پەسلىدىكى ساياھەت تۈرلىرى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ساياھەت بايرىمى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئاپتاپپەرەسنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاندىن سىرت يەنە ئەدەبىيات- سەنەت نومۇرلىرىنى كۆرەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، مەسىلەن: ئويمىچىلىق، كەشتىچىلىك، ئەنەنىۋى خەلق چالغۇلىرى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى