قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چەرچەندە تاغ گۈللىرى ئېچىلىپ، ياز پەسلىدىكى «كوئىنلۇن قەدىمىي كەنتى» يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى مەپتۇن قىلدى

2018-08-09 19:21:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قوراملىق يېزىسىنىڭ قوراملىق كەنتى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، قىسقىغىنە ئىككى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىن 5000غا يېقىن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ، «كوئىنلۇن قەدىمىي كەنتى»نى سەيلە قىلدى، «كوئىنلۇنىڭ ئەڭ ئىسىل تامىقى» بولغان تاۋا كاۋىپىنى يىگەچ، مىللىيچە ئۇسسۇللاردىن ھوزۇرلىنىپ، يەرلىك خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلىدى.
يېقىندا، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قوراملىق يېزىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «كوئىنلۇن قەدىمىي كەنتىدە تاغ گۈللىرى ئېچىلدى» يېزا ـ كەنت ساياھىتى ۋە ئوتتۇرا كوئىنلۇن مەنزىرىسى فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، قىزىقارلىق پائالىيەت ۋە ئۆزگىچە تائاملار ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن مىھرىنى ئۈزەلمەس قىلىپ قويدى.
قىچا گۈلى، ياغاچ چاقپەلەك، ياغاچ ئاسما يول بىلەن يىراقتىكى بۇلۇتلار ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان كوئىنلۇن تېغى، كەنتتىن كېسىپ ئۆتكەن كىچىك دەريا بىلەن مىغ- مىغ كىشىلەر توپى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ، بىر پارچە ئىپتىدائىي قەدىمىي كەنت سىزمىسىنى ئاستا- ئاستا كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن قىلىدۇ.
ناخشا- ئۇسسۇللاردىن باشقا، قوراملىق يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزگىچە تائاملار كۆرگەزمىسىمۇ جايلاردىن داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنى تاغ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسىل نازۇ- نىمەتلەرگە ئېغىز تېگىش پۇرسىتىگە قىلدى. تونۇر كاۋىپى، زىق كاۋاپ، شورپا، چاۋات نان قاتارلىق خىلمۇ خىل نازۇ- نېمەتلەر ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتقىنى يەنىلا تاۋا كاۋىپى بولۇپ، مەيدانغا 20 قازان قاتار تىزىلغان ئىدى، تاۋا كاۋاپنىڭ ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر بەس- بەستە مەززە قىلىپ يىيىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، ساياھەت بايلىقلىرى ئۆزگىچە غەربىي رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بىپايان قۇملۇق، چۆل- باياۋان، رەڭگا- رەڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق، مىڭ يىللىق مۇزلۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7000 مېتىرغا يېتىدىغان مۇزتاغ چوققىسى قاتارلىقلار بار، دائىرىسىدە يەنە نۇرغۇن قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى بار.
چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈ شياۋخۇا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە «قۇملۇقنىڭ جەنۇبى، كوئىنلۇن تېغى باغرىدىكى كىچىك شەھەر، گۆھەر ماكان چارچەن»نىڭ ئۆزگىچە سېھرى كۈچىنى ۋە سالاپىتىنى ھېس قىلدۇرىمىز، كۆپ مەنبەلىك ساياھەت، مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى كۆپچىلىككە نامايەن قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى چەرچەنگە ساياھەتكە كېلىپ، مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلىپ قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى