قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فۇكاڭ شەھىرى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدىكى سەككىز لىنىيىنى ئېلان قىلدى

2018-08-09 19:22:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەگەر ھەپتە ئاخىرى فۇكاڭ شەھىرىگە بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولسىڭىز، سەيلى لىنىيىلىرىنى قانداق تاللايسىز؟ گەنخېزى بازىرىنىڭ سانائەت كۆرگەزمە سارىيى، جيۇيۈنجې بازىرىدىكى توغاشلىق ۋە بىڭتۇئەن 222- تۈەننىڭ بىڭخۇ ھاراق كەنتىگە بارىدىغان لىنىيەلەر ياخشى تاللاش ھېساپلىنىدۇ. فۇكاڭ شەھىرى يېقىندا 8 ساياھەت لىنىيىسىنى ئاچتى ۋە يولغا قويدى.
فۇكاڭ شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەن سۇڭمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ يادرولۇق باش تېمىسى «ئىشچى- دېھقان- ئەسكەرلەر ساياھەت لىنىيەسى»نى ئاساس قىلغان بولۇپ، فۇكاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ساياھەت بايلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە بىڭتۈەننىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
فۇكاڭ شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى يېتەكچى، بوغدا كۆلى سەيلىگاھىنى باشلامچى قىلىپ، شەھەر رايونىغا تۈرتكە بولۇپ، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ئەۋزەل ساياھەت بايلىقلىرىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىم ئېچىلغان «شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» فۇكاڭنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى، نادىر ساياھەت مەھسۇلاتى-- فۇكاڭ بىر كۈنلۈك ساياھىتى، فۇكاڭ ئىستىراھەت بىر كۈنلۈك ساياھىتى، فۇكاڭ ئاتا- ئانا ۋە بالىلار بىر كۈنلۈك ساياھىتى، فۇكاڭ ئىستىراھەت ئىككى كۈنلۈك ساياھىتى، فۇكاڭ «ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر» ئىككى كۈنلۈك ساياھىتى، فۇكاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تۈرى ۋە فۇكاڭ شەھىرى باش تېمىلىق ساياھىتى قاتارلىق سەككىز ساياھەت لىنىيەسى «ئىشچى- دېھقان، ئەسكەرلەر ساياھەت لىنىيەسى»نى يادرو قىلىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.
7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە فۇكاڭ شەھىرى جەمىي 3 مىليون 409 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 ئاشقان. ساياھەت كىرىمى 5 مىليارت 796 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.6 ئاشقان. فۇكاڭ شەھىرى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ساياھەت كەسپىي جەمىيەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقارقى سەككىز ساياھەت لىنىيىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈپ، ئوخشىمىغان تېمىلارنى بېكىتىپ، ئوخشىمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى