قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توقسۇن ناھىيەسى كۆجەي بازىرى مەنزىرە رايونى

2018-08-09 19:23:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆجەي بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلىدا كېئېرجيەن دەپ ئاتىلىدۇ، كۆجەي سۆزى يېشىللىق دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئاساسلىقى بازارلىق ھۆكۈمەت ئەتراپىدىكى بىر پارچە سۇلۇق يەرنى كۆرسىتىدۇ. كۆجەي بازىرى 1984- يىلى قۇرۇلغان، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرىغا 50 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ تولى يېزسى ۋە داۋانچىڭ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى كۆجەي بازىرىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆتىدۇ. كۆجەي بازىرىغا قاراشلىق رايوننىڭ كۆلىمى 1200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر تۈزۈلىشى شىمال تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئېگە بولۇپ، بۇ يەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چۆللۈك، قاقاس تاغلاردىن تەركىب تاپقان. كۆجەي بازىرى مەنزىرە رايونىنىڭ ھۆل- يېغىن مىقدارى ئاز بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل- يېغىن مىقدارى 6.3 مىللىلىتىر، ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ چۆللۈك كىلىماتىغا تەۋە. كۈن نۇرى ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يېتەرلىك، ئەمما ياز پەسلىدە سالقىن بولىدۇ، شامال كۆپ ۋە كۈچلۈك چىقىدۇ. بۇ يەر قىشتا ئىللىق يازدا سالقىن بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدە ھاۋا كېلىمات شارائىتى بۇغا، يەرلىك توخۇ قاتارلىق ھايۋانلار ئالاھىدە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ.
ھازىر كۆجەي بازىرى مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 280 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، قىزىل دەريا جىلغىسى، يارداڭ يەر شەكلى، قىزىلتاغ سۇ ئامبىرى، قاينام ئېقىمى، كۆجەي قىيا تاش رەسىملىرى، تاش ئويما سۇ سىستېمىسى خەرىتىسى، تۆمۈر تاۋلاش خارابىلىقى، غەلىتە پەنجىر تاش ئورمانلىقى، ۋۇسەي جىلغىسى، تيەن گۇاڭدى سىرلىق بۇلىقى، قاراتاغ يايلىقى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ساياھەت نۇقتىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى ئۈزۈكسىز جەلب قىلماقتا. كۆجەي بازىرى مەنزىرە رايونى ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىللەن بىرلىكتە ئېكىسپىدىتسىيە قىلىشىغا، سەيلە قىلىشىغا ۋە بۇ يەرنىڭ ھەر خىل ئادىمىيەت ۋە جۇغراپىيەلىك مەنزىرىلىرىنى كۆرۈپ چۈشىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى