قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كومسومول بازىرىدىكى ئىتتىپاقلىق رىشتى

2018-08-10 10:43:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرغاچقا، مۇھەببىتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى؛ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى ھەرقايسى كەنتلەرنى قاپلىدى؛ 2100 دىن ئارتۇق ئائىلە ئۆز- ئارا تۇغقانلاشتى، كۆپچىلىك ئۆز- ئارا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگەندى، دائىم بىر - بىرىنى يوقلاپ تۇردى، بېرىش  كېلىش قىلغانسېرى قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇرلاشتى... ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كومسومول بازىرىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خۇددى ھاۋاغا، سۇغا ئوخشاش كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتى.
8- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئونسۇ ناھىيە كومسومول بازىرىنىڭ يۇقارقى مەھەللە كەنتى ئاھالىلار كومىتېتى زالىدا، دېھقان پەرھات كېرەم بىلەن ۋاڭ جيەنشېڭ كۈەيبەنگە تەڭكەش قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. پەرھات كېرەم بىلەن ۋاڭ جيەنشېڭ ئىككى ئائىلىنىڭ مېھرى ئۈچ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. ۋاڭ جيەنشېڭ: ئىككىمىزنىڭ بىر ئاتا- ئانىسى بار، دېدى. كىچىكىدىن چوڭ بولغانغا قەدەر، پەرھات كىيگەن پاختىلىق ئاياغلارنى ۋاڭ جيەنشېڭنىڭ ئاپىسى ئۆز قولى بىلەن تىكىپ بەرگەن. ھازىر بۇ موماي 70 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، دائىم ھاسىسىغا تايىنىپ، كۆكتاتلىقتىن يېڭى كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ، پەرھاتنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ.
مەخمۇت تۇنىياز ۋاڭ جيەنشېڭنىڭ قوشنىسى. مەخمۇت تۇنىيازنىڭ 2009- يىلى قىشتا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ خەنزۇ پاختا تەرگۈچىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقىنى كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. مەخمۇت تۇنىياز مۇنداق دېدى: بىز ھەر مىللەت-- بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىر ئائىلە كىشىلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشقا بولامدۇ؟
سايىكەپە كەنتىدە، ھەر قېتىم پاختا يىغىش مەزگىلىدە، كەنتتىكى داڭلىق پاختا يىغىش ماھىرى، يىزۇ مىللىتىدىن بولغان كەنت ئاھالىسى جىپىبۇخامۇ شۇ كەنتتىكى جاڭ گوجۈنگە پاختا يىغىشىپ بېرەتتى. جىپىبۇخامۇ مۇنداق دېدى: سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە، جاڭ گوجۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىزگە كۆپ ياردەم قىلغان. بىز بۇ مېھىر- شەپقەتنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز. ھازىر پاختا يىغىش باشلانسىلا، ئاۋۋال ئۇنىڭ كېۋەزلىكىگە بارىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى