قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاچچىقلىنىشنىڭ بەدەنگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى

2018-08-10 10:46:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادەم ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭىدىكى قاندا زەھەرلىك تەركىبلەر كۆپىيىپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن تۈك خالتىلىرى غىدىقلىنىپ، ئەتراپى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ياللۇغلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تېرىدە ھەر خىل داغ پەيدا بولىدىكەن.
سۈت بېزى بىلەن تال ۋە ئاشقازان بىر سېستىمىغا تەۋە، بالىياتقۇ جىگەر بىلەن تۇتىشىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئاچچىقلانغاندا ئالدى بىلەن سۈت بېزى يارىلىنىدىكەن، ئاچچىقنىڭ تەپتى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ بالىياتقۇغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئادەم ئاچچىقلانغاندا قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن قالقانسىمان بەز كۈچىنىپ كېتىدىكەن.
   ئادەم ئاچچىقلانغاندا بەدەندىكى قاننىڭ زور قىسمى بىراقلا چوڭ مېڭىگە ئېتىلىپ چىقىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىدىكى قان تومۇرلار دۇچ كېلىدىغان بېسىم كۈچىيىپ كېتىدىكەن، بۇنداق چاغدا قان سۇيۇقلىقىدىكى زەھەرلىك تەركىبلەر كۆپۈيۈپ كېتىدىغان بولغاچقا، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشى تېزلىشىشكە باشلايدىكەن.
ئاياللار ئاچچىقلانغاندا نەپسى جىددىيلىشىدىكەن، ھەتتا نەپەس يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، چۈنكى بۇ چاغدا ئۆپكە پۇۋەكچىلىرى زىيادە كېڭىيىپ  قىسقىراشقا ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۆپكە بوشىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، ساغلاملىقى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
ئادەم ئاچچىقلانغاندا سىمپاتىك نېرۋا جانلىنىپ كېتىدىكەن، بۇ يۈرەك ۋە قان تومۇرغا بېسىم پەيدا قىلىپ، ئاشقازانغا بارىدىغان قاننى ئازايتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى سۇسلاپ، ئاشقازاندا يارا پەيدا بولىدىكەن ۋە بارغانسېرى ئېغىرلىشىدىكەن.
ئادەم ئاچچىقلانغاندا قاننىڭ كۆپ قىسىمى مېڭە بىلەن يۈزگە تېپىدىغان بولغاچقا، يۈرەككە بارىدىغان قان ئازىيىدىكەن ۋە يۈرەك مۇسكۇلىدا قانسىراش كۈچىيىدىكەن، ئەمما يۈرەك بەدەنگە كېرەكلىك قاننى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، ھەسسىلەپ كۈچىنىپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۈرەكنىڭ سوقۇش تەرتىپى بۇزۇلۇپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا شارائىت ھازىرلىنىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى