قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۇنچىلىرى

2018-08-10 10:50:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خۇشاللىق ئىنتايىن ئاددىي بىر ئىش، كىچىك بالا يىغلاپ كەتكەندە، ئۇنىڭغا بىر تال كەمپۈت بەرسىڭىز دەرھال يىغىدىن توختاپ كۈلىدۇ، چوڭلار ياشقا چوڭىيىپ ماغدۇرىدىن كەتكەندە، بالا چاقىلىرى، نەۋرىلىرى بىر ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلسا خۇشال بولۇپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ، سودىدا ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ، ئەمما ئۆي زېمىنى، ئۇرۇق تۇغقانلىرى بارلىقىنى، يەنە يېڭىباشتىن سودىغا كىرىشسە بولىدىغانلىقىنى ئويلىغان كىشىنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىدۇ.
ۋاقىت ئەڭ رەھىمدىل، ھەم ئەڭ رەھىمسىز. ۋاقىت ھەممە ئادەمگە ئوخشاش. بىراق بايلىقى بار كىشىنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بايلىقتىن پايدىلىنىشقا ماھىر كىشىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
بەزى چاغلاردا كىشىلەر ئۆزىنىڭ بەختىنى ھېس قىلالمايدۇ، كۆزىنى ھەمىشە باشقىلارنىڭ بەختىگە تىكىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ ھازىر ئېرىشكەنلىرىڭىز دەل باشقىلار ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەردۇر.
ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئاۋارىچىلىق تاپمىسىڭىزلا، سىز ھەر كۈنى خۇشال يۈرەلەيسىز.
ھەقىقىي تۇرمۇش ئۆزىڭىزگە خۇشاللىق تېپىش. خاپىلىق تارتقان كۈنلەردە چىڭقى چۈشتىكى قۇياشمۇ سوغۇق بىلىنىدۇ، خۇشال خۇرام بولسىڭىز يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ ئاپتاپنىڭ تەپتى كېلىدۇ. دىمەك- خۇشاللىق دەل ئۆزىڭىزدە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى