قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىلنى ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻳﯜﺭﯛﺵﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺗﻮﻳﻠﯘﻕ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ، 200 ﻳﯜﻩﻥﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ قويۇلدى

2018-08-10 11:09:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ جامائەت خەۋىپسىزلىكى نازارىتى ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ساقچى ﺑﺎﺵ ئەترىتى يوقىرى ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ئەترىتى ﺋﯘﻻﻧﺒﺎﻱ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ساقچىسى ﻓﻪﻥ ﺑﯩﻦ7- ئاينىڭ31- كۈنى ﺳﺎﺋﻪﺕ 12 ﺩﯨﻦ 30 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ خىزمەتدىشى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ــ ئۈرۈمچى ــ ﺗﺎﻗﯩﺮﺗﺎﻍ  يۇقىرى ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ 3529 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ بۆلىكىدىكى ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ چىرىقىنى ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﻼ، ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ بەلگىسى قويمىغانلىقىنى ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.

ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ئاپتوموبىلنى ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﯩﯔ قۇلۇپلانغانلىقىنى، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ يوقلىقىنى ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ. ﻓﻪﻥ ﺑﯩﻦ يۇقىرى ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﺪﯨﻦ 200 ﻣﯧﺘﯩﺮ يىراقلىقتىكى ﺋﻮﺗﻼﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻗﯩﺰ-ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ چۈشىۋاتقانلىقىنى ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ.

ﻓﻪﻥ ﺑﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ: «يۇقىرى ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، بۇنى ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ.

ﻓﻮﺗﻮﮔﺮﺍﻑ: «ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﺯ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ تارتماقچى ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ مەنزىرىسى ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻼﺷﻤﺎﻳﻼ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘﻕ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

ﻓﻪﻥ ﺑﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ يۇقىرى ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ قۇرۇلۇشى ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﭼﻘﺎ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ھادىسىسى ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.

ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺷﯘ كۈنى شوپۇرنى ﺗﯘﺯ ﻛﯚﻝ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻝ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ بىخەتەرلىكى ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ 90 ــ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺷﻮﭘﯘﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﺍﯞﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، 200 ﻳﯜﻩﻥ ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى