قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىللار رەقەملىشىش دەۋرىگە كىرىدۇ

2018-08-10 11:14:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كەلگۈسىدە ئاپتوموبىللارغا سەپلىنىدىغان كومپيۇتېر سانلىق مەلۇماتنى يىغىش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ قىزىقىشى، كەيپىياتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چۈشىنىپ ھەم قاتناش مەسىلىلىرىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ سەپەر لىنىيەسى ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ. ئاپتوموبىللاردا سېنزور بىلەن پېدال ۋە رول ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ شوپۇرنىڭ مەشغۇلات جەريانىدىكى ئىپادىلىرى تەكشۈرۈلىدۇ. يەنە سېنزور بىلەن چاق ۋە موتور ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ ئاپتوموبىلنىڭ ئىنكاسى تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار بىر دانە سانلىق مەلۇمات خاتىرىلىگۈچتە ساقلىنىدۇ، ئۇ ئادەتتە »قارا قۇتا« دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئايروپىلاندىكى قارا قۇتىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ شوپۇرنىڭ مەشغۇلاتى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ ئىنكاسىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنىلا خاتىرىلەيدۇ. ئەگەر سوقۇلۇش ھادىسىسى يۈز بەرسە »قارا قۇتا« خاتىرىلەشنى دەرھال توختىتىپ ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە سېكۇنت ئىچىدىكى پائالىيەتنى ساقلاپ قويىدۇ. سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ساقچى، ئادۋوكات ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرى »قارا قۇتا«دىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئالالايدۇ.
سىرتقى يەل خالتىسى
ئادەتتە يەل خالتىلىرى ئاپتوموبىللارنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. TRW ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكى تېخنىكا شىركىتى ئاپتوموبىل ئىشىكىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بىر خىل چوڭ تىپتىكى يەل خالتىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ، ئۇنىڭدا بىر دانە تېلېكامېرا ۋە راداردىن تۈزۈلگەن سىستېما قايسى چاغدا سوقۇلۇش يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، يەل خالتىسىغا سىگنال بېرىدۇ، يەل خالتىسى 30 مىللىسېكۇنت ئىچىدە يۇقىرىغا ۋە سىرتىغا كېڭىيىپ، بىر قىسىم ئېنېرگىيەنى سۈمۈرۈپ زەخىملىنىشنى ئازايتىدۇ، بۇ خىل يەل خالتىسىدىن باشقا سىرتقى يەل خالتىلىرىمۇ تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار موتور قېپىنىڭ ئارقا قىرغىقى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئورنىتىلسا، ئۇنىڭ بىلەن يەر ئارىسىدىكى سۈركىلىشتىن پايدىلىنىپ تېزلىكنى كېمەيتكىلى بولىدۇ.
لازېر نۇرلۇق چوڭ چىراغ
ئادەتتىكى ئاپتوموبىل چىراغلىرىدىن باشقا ئېنېرگىيە ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان گالوگېن چىرىغى، كىسېنون چىرىغى، LED چىرىغىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن لازېر نۇرلۇق چوڭ چىراغ ئاپتوموبىل چوڭ چىراغلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ خىل چوڭ چىراغ ئالدىدىكى 500 مېتىر يولنى يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ، يورۇتۇش ئارىلىقى LED چىرىغىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ، ئەمما ئېنېرگىيە سەرپىياتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. قارشى تەرەپتىكى شوپۇرنىڭ كۆزىنى چاقماسلىق ئۈچۈن لازېر نۇرلۇق چوڭ چىراغقا بىر يۈرۈش ئەينەك ۋە نۇر قايتۇرغۇچى ئەينەك (رېفلېكتور)لەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يول يۈزىنى يىراقلارغىچە يورۇتىدۇ، ئەمما قارشى يۆنىلىشتىكى شوپۇرلارنىڭ كۆزىنى چاقمايدۇ.
ھىدروگېن باتارېيەلىك ئاپتوموبىل
ھىدروگېن باتارېيەلىك ئاپتوموبىل لىتىي باتارېيەلىك ئاپتوموبىل بىلەن ئەنئەنىۋى دىۋىگاتىللىق ئاپتوموبىللارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى زەرەتلەشكە بىرنەچچە مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش ئارىلىقىنى 640 كىلومېتىرغا يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇنى بېنزىن ياكى دىزېل دىۋىگاتىل ئاپتوموبىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا مۇھىتنى تېخىمۇ ئاسرايدۇ. نۆۋەتتە تويوتا، خوندا، خيۇنداي، ھەممىباب ۋە مېرسېدېس - بېنز قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ھىدروگېن باتارېيەلىك ئاپتوموبىللارنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
 
‹‹V2V››تېخنىكىسى
ئاپتوموبىللارنىڭ كومپيۇتېرلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلار ئارىسىدا ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئەمەلگە ئېشىپ، شوپۇرلارنىڭ قاتناش، ھاۋارايى ۋە يول ئەھۋالى ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خېيىم- خەتەر ئازىيىدۇ. بۇ خىل ئاپتوموبىللار ئارا خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى قىسقارتىلىپ ‹‹V2V›› دەپ ئاتىلىدۇ. نۆۋەتتە ‹‹V2V›› قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان 3000 غا يېقىن كىچىك ئاپتوموبىل ۋە يۈك ئاپتوموبىلى ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل قۇرۇلما ھەر سېكۇنتتا ئون قېتىم قىسقا مۇساپىلىك بىخەتەرلىك سىگنالى تارقىتىپ، باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ سىگناللىرىنى تەكشۈرۈپ، سوقۇلۇش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بايقىغاندا، مەسىلەن، باشقا ئاپتوموبىللار تۆت كوچا ئېغىزلىرىغا كىرگەن، ئالدىدا پىيادىلەر پەيدا بولۇپ قالغان ياكى يول مۇز تۇتۇپ قالغان، ھەتتا باشقا شوپۇرلارنىڭ سۈرئىتى ئېشىپ كەتكەن بولسا، ‹‹V2V››قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان ئاپتوموبىللار دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا،‹‹V2V››تېخنىكىسى قاتناش ھادىسىلىرىنى %76 ئازايتىدىكەن. كەلگۈسىدىكى ‹‹V2V›› تېخنىكىسى شوپۇرلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقاندىن باشقا يەنە، سوقۇلۇپ كېتىش خەۋپىنى بايقىغان ھامان تورمۇزلاش ياكى يۆنىلىش ئۆزگەرتىش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ.
شوپۇرنىڭ پائالىيىتى نازارەت قىلىنىدۇ
ياپونىيە نۆۋەتتە نىسسان ئاپتوموبىللىرىدا بىر قاتار تېخنىكىلارنى سىناق قىلىش ئارقىلىق ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھادىسىلىرىنى نازارەت قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، مەسىلەن خوت يۆتكەش دەستىسىدىكى سېنزور شوپۇرنىڭ تەر سۇيۇقلۇقىدىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆلچىيەلەيدۇ، ئەگەر بىنورمال ئەھۋال بايقالسا ئاپتوموبىلنىڭ يول باشلاش سىستېمىسى دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىدۇ. ئاۋدى ئاپتوموبىللىرىدا بولسا تېلېكامېرا ئارقىلىق شوپۇرنىڭ باش قىسمىنى نازارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرىدىغان بىر خىل تېخنىكا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر شوپۇرنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ يولدىن ئايرىلىش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىدۇ، ھەتتا تېزلىكنى تۆۋەنلىتىپ سوقۇلۇش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بەزىلىرى سېنزور ئارقىلىق شوپۇرنىڭ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى، كۆز ھەرىكىتى ۋە چوڭ مېڭە ھەرىكىتى قاتارلىق مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇخلاپ قېلىشتىن تارتىپ يۈرەك كېسىلى قوزغالغىچە بولغان ھەرقانداق خېيىم- خەتەرنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ.
شوپۇرسىز ئاپتوموبىل
ھەقىقىي مەنىدىكى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ئېھتىمال ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن، بىراق شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى، مەسىلەن، خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە سوقۇلۇش ھادىسىلىرىدىن ساقلىنىش سىستېمىلىرى ئاللىقاچان بازارغا چىقىپ بولدى. شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تەكشى تېزلىكتە ماڭىدىغان بولغاچقا ئېنېرگىيە تېجەيدۇ، قاتناش ھادىسىلىرىنى ئازايتىدۇ ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتەلەيدۇ. نۆۋەتتە ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەر خىل ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارنى ياساپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سالماقتا.
قۇياش ئېنېرگىيەلەك ئاپتوموبىل
ئامېرىكا گىئورگىيە ئىشتاتى سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى ۋە فورد ئاپتوموبىل شىركىتى Max C دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئارىلاشما دىنامىكىلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى، ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيە تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئىقتىدارى »لوپا ئەينەك«كە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر تۈرلۈك تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئادەتتە بىر كۈنلۈك زەرەتلەش مىقدارى ئارقىلىق Max Cنى 1000 كىلومېتىر ماڭدۇرغىلى، يىلدا قويۇپ بېرىلىدىغان پارنىك گازىنى تۆت توننا ئازلاتقىلى بولىدۇ.
مۇۋاپىق ئورۇننى ئۆزى تېپىپ توختاش
ئاپتوموبىلنى مۇۋاپىق ئورۇن تېپىپ توختىتىش ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدىكى ئەڭ تەس ۋە ئەڭ زېرىكىشلىك ھالقا بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئۆزى ئورۇن تېپىپ توختاش تېخنىكىسى بولىدۇ، شوپۇر كۇنۇپكىنى بېسىپ قويسىلا بولىدۇ. فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرلىرى ئاپتوموبىل توختىتىدىغان ئورنىنى ئۆزى ئىزدەپ تاپىدىغان، ئاپتوموبىل توختىتىش جەريانىنى ئۆزى تاماملايدىغان بىر خىل سىستېمىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، پۈتكۈل جەرياننىڭ شوپۇرغا ئېھتىياجى بولمايدۇ. 2013- يىلى كۈزدە خوندا شىركىتى Fi-Wi سەپلەنگەن ئاپتوموبىل بىلەن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر تۈركۈم تېلېكامېرالار ئارىسىدىكى سىمسىز سىگناللاردىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىلنى شوپۇرسىز ھالەتتە ئاپتوماتىك توختىتىش سىستېمىسىنى سىناقتىن ئۆتكۈزدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى