قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىدە شانلىق سەھىپە پۈتۈپ، يېڭى دەۋردە ئىگىلىك تىكلەپ تۆھپە يارىتىش

2018-08-10 16:21:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

8- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن 62 مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار ۋەكىلى بېيدەيخېغا كېلىپ دەم ئالدى.

  گۈزەل مەنزىرە، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، سەمىمىي غەمخورلۇق مۇتەخەسسىسلەرگە ھەسسىلەپ ئىللىقلىق بېغىشلىدى ۋە ئۇلارنى ھاياجانلاندۇردى. ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىدىن ئىبارەت دۆلەت مۇھەببىتى ۋە ئىگىلىك تىكلەپ تۆھپە يارىتىشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادە بىرلا ۋاقىتتا مەۋج ئۇرۇپ، بوخەي دېڭىزى ساھىلىدە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مېلودىيەنى ياڭراتتى...

  چەكسىز غەمخورلۇق − ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش مېھرى ئۈزۈلمەيدۇ

  تۇنجى قېتىم بېيدەيخېدىكى دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان غەربىي جەنۇب داشۆسى جۇغراپىيە ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لياۋ خېپىڭ بېيدەيخېنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولدى، شۇنداقلا خىزمەتچى خادىملارنىڭ قولىدىن قىزىل تامغا بېسىلغان دەم ئېلىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئاشۇ دەقىقىنى ئۇنتۇيالمىدى.

  لياۋ خېپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كەڭ زىيالىيلارغا قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، بىزدەك تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس، ئالىملارغا نىسبەتەن چەكسىز ئىلھام ۋە تۈرتكە.

  مۇتەخەسسىسلەرنى يازدا بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشتىكى بىر تۈرلۈك تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. 2001- يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى 18 تۈركۈمدە يازدا دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

  بۇ يىلقى دەم ئېلىش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئىگىلىك تىكلەپ تۆھپە يارىتىش»، تەكلىپ قىلىنغان 62 مۇتەخەسسىس ئۇزاقتىن بۇيان پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرغان. بەزىلىرى ئۇزاقتىن بۇيان ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريولى قاتارلىق دۆلەتنىڭ زور قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشقان، بەزىلىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق پەن- تېخنىكىغا دائىر زور مەخسۇس تۈرلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان، بەزىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش قاتارلىق دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىگە قاتناشقان بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا قالتىس تۆھپىلەرنى ياراتقان.

  بۇ يىل دەم ئېلىشقا قاتناشقانلار ئىچىدە يەنە ئىككى «ئالاھىدە» سىيما، يەنى، «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» لى باۋگونىڭ خوتۇنى، خېبېي يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئورمانچىلىق شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گو سۇپىڭ بىلەن «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» جۇڭ ياڭنىڭ خوتۇنى، تۇڭجى داشۆسى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخنولوگىيەسى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شياۋيەن بار ئىدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلغار نەمۇنىچىلار، زىيالىيلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى تەقدىرلىگەنلىكى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  جاڭ شياۋيەن مۇنداق دېدى: ئادەتتە بىزنىڭ پەن تەتقىقات خىزمەت ۋەزىپىمىز ئىنتايىن ئېغىر، دەم ئېلىشقا ئاساسەن ۋاقىت ئاجرىتالمايمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىزگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رەھمەت ئېيتىمىز.

  بىر ھەپتىلىك دەم ئېلىش پائالىيىتىدە ئارام ئېلىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، سىرتلارغا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم بەزى مەخسۇس تېمىدىكى سۆھبەت ۋە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى. مۇتەخەسسىسلەر ساھىلدا مېڭىپ، كەچكى شەپەقتىن ھۇزۇر ئېلىپ، دېڭىز دولقۇنلىرىغا جور بولۇپ، قەلب ھېسلىرىنى ئېيتىشىپ، تېپىلغۇسىز دەم ئېلىش مىنۇتلىرىدىن ھۇزۇر ئالدى.

  بۇ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئارام ئېلىش، شۇنداقلا كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان سۇپا.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى پائالىيەت مەزگىلىدە بېيدەيخېغا بېرىپ، يازلىق دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن ھال سورىدى، مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك قەلبى، قەتئىي ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش قىزغىنلىقىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشتىكى پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارغا ئىشلىتىپ، كىشىلىك غايىسىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سىڭدۈرۈشىنى تەكىتلىدى.

  ماتېرىيال پىششىقلاش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جەنۇبىي جۇڭگو تەبىئىي پەن- سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى چۈ جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن يېزىدىن چىققان ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ئۇلۇغ دەۋرگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن. بىز دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىشىمىز كېرەك، قويۇق دۆلەت مۇھەببىتى ۋە كۈچلۈك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنياۋى پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان مۇساپىسىدە ئاجايىپ كىشىلىك ھاياتنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  سەمىمىي قەلب − ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىدە شانلىق سەھىپە يارىتىش

  دەرەخنىڭ سايىسى ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ، يىلتىزى مەڭگۈ تۇپراقتا بولىدۇ. ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بارلىق زىيالىيلاردىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدى.

  بۇ قېتىم دەم ئېلىشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ، ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر.

  جۇڭگو تۆمۈريول 1- چارلاش- لايىھەلەش يۇرتىنىڭ پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېرى لى جىنچېڭ 20 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۆمۈريول تۈرىنى چارلاپ ئۆلچەش ۋە لايىھەلەشكە قاتناشقان، شۇنداقلا «ئېگىزلىكتىكى پەلەككە تۇتاشقان يول» − چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى.

  لى جىنچېڭ مۇنداق دېدى: چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ تاڭغۇت تېغىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان لىنىيەسىنى چارلاپ ئۆلچىگەندە، دۆلەتكە مەبلەغ تېجەپ بېرىش ئۈچۈن، دېڭىز يۈزىدىن 5231 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاشيول جىلغا ئېغىزىدىن ۋاز كېچىپ، لىنىيەنى دېڭىز يۈزىدىن 5072 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئادەمزاتسىز رايوندىكى جىلغا ئېغىزىغا ئۆزگەرتتۇق. چارلاش ئەترىتىمىز سازلىقنى كېچىپ، بوران، قار، مۆلدۈرنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرىپ، «چىڭخەي- شىزاڭ لىنىيەسىنى جەزمەن پۈتكۈزىمىز» دەيدىغان جاسارەت بىلەن، ئادەمزاتسىز رايوندا پىيادە مېڭىپ، چارلاش خىزمىتىنى تاماملىدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، ۋەتەننى سۆيۈش، بېغىشلاش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئىشلىرى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  چېگرا رايون ئۈچۈن جاپا چېكىشنى شەرەپ بىلىپ، پاك قەلبىمنى سۇچىلىق ئىشلىرىغا بېغىشلايمەن.

  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېرى دېڭ مىڭجياڭ ھەقىقىي «2- ئەۋلاد شىنجاڭلىق». ئۇ مۇنداق دېدى: 1982- يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مەن شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە 36 يىل خىزمەت قىلدىم. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان زېمىن مېنى پەرۋىش قىلدى، يېتىشتۈردى، شۇنداقلا مېنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى. مەن ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرەش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، تەتقىقاتىمنى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدىكى بىپايان زېمىندا تاماملايمەن!

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونى دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىمازاشى قارلىق ئېگىزلىكتىكى «ئارپا دوكتورى» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، شىزاڭدا ئۇزاق مەزگىل ئارپا سورتىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

  نىمازاشى مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىزاڭ قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا مىڭ يىلنى ھالقىغان ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتتى. مەن قارلىق ئېگىزلىكتىن چىققان پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت بوشاشماي، بارلىق ئىقتىدارىمنى يۇرتۇمنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا بېغىشلايمەن.

  «چەت، يىراق رايونلارنىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى توغرىسىدا ئالاھىدە سىياسەت تۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياشنى يەرلىكتە قېلىپ، ئىگىلىك تىكلەپ تۆھپە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك»؛

  «مۇتەخەسسىس، ئالىملارغا ئاددىيلا ھالدا پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەتبىقلاشقا بولمايدۇ، ئۇلارنى ئادەتتىكى ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئىشلاردىن ئازاد قىلىش كېرەك»؛

  «پەن تەتقىقاتقا جەزمەن پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئاددىي- ساددا، زېرىكىشلىك تۇرمۇشقا كۆنۈش كېرەك»...

  مۇتەخەسسىسلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى روھىنى قەلبىگە پۈكۈپ، تىلىدا ئىپادىلەپ، ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، شۇنداقلا ئىختىساسلىقلارنى غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئەقىل- پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشقا يەنىمۇ جەلپ قىلدى.

  جاسارەت بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش − يېڭى دەۋردە ئىگىلىك تىكلەپ تۆھپە يارىتىش

  يېڭىلىق يارىتىش بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19- قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14- قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو قۇدرەت تېپىش، گۈللىنىشتە جەزمەن پەن- تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىلىم- پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە ئايلىنىشى كېرەك.

   «ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى تەلەپ قىلغىلى، سېتىۋالغىلى، تىلەپ تاپقىلى بولمايدۇ.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، بېيجىڭ داشۆ ئۇچۇر ئىلمى تېخنىكىسى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى خۇاڭ رۇ ئۇزاقتىن بۇيان توپلاشتۇرۇلغان توك يولى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، دۆلىتىمىزنىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى يادرولۇق تېخنىكىسىنىڭ «باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇش»ى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان.

  خۇاڭ رۇ مۇنداق دېدى: توپلاشتۇرۇلغان توك يولى سانائەتنىڭ ئاشلىقى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلگىرىلەش كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، بىراق توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىش تەلىپىدىن خېلىلا يىراق. بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ئېغىر، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن پەن تەتقىقات تېمىسىنى تاللاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت جىددىي ھەل قىلىشقا موھتاج بولۇۋاتقان ساھەلەرنى چۆرىدەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشىمىز كېرەك!

  ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جەھەتتە جۇغلىنىشتىن سۈپەت جەھەتتىكى ھالقىشقا يۈزلىنىش، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلىنىش مۇھىم مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتكۈل پەن- تېخنىكا سەۋىيەسىدە ئەگىشىپ يۈگۈرۈشتىن تەڭ يۈگۈرۈش، باشلامچى بولۇپ يۈگۈرۈشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشتا، بارلىق پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ئېغىر.

  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئالەم قاتنىشى پەن- تېخنىكىسى گۇرۇھى 4- تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خوۋ شياۋ ئۇزاقتىن بۇيان ئالەم قاتنىشى پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇ جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ 60 نەچچە يىللىق تەرەققىياتىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە − ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، دەپ قارىدى.

  خوۋ شياۋ مۇنداق دېدى: بىز دۇنيا پەن- تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىنى كۆزلەپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

  دۇنياغا نەزەر سالساق، ھازىرقى خەلقئارا رىقابەت ئاخىرقى ھېسابتا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى بولۇپ، ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاش تولىمۇ مۇھىم بولماقتا.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى لەنجوۋ خىمىيە- فىزىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: بىز پەن- تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرانە يۈرۈش قىلىش بىلەن بىللە، ۋارىسلىق قىلىشنى، ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق تەربىيەلەشنى، ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەشنى قەتئىي ئۇنتۇماي، سەرخىل يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ ئۈزۈپ چىقىشىغا شارائىت ھازىرلاپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئادەمنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئەسلىي ئىجادىي نەزەرىيەلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئىجادىيەت يارىتىپ تۆھپە قوشۇپ، زور يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىدە تىرىشىپ يول باشلىغۇچىلاردىن، گۈللەنمە گىرەلەشمە ساھەلەردە يول ئاچقۇچىلاردىن بولۇش كېرەك... مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگونىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىدى.

  مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى پاك نىيەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن بېيدەيخېدا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن كۈتۈنۈپ، دەم ئېلىپ كۈچ توپلاپ، بۇ يەردىن يولغا چىقىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يېڭى سەپىرىگە قايتا ئاتلاندى...

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيدەيخې، 8-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى