قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن

2018-08-10 16:29:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار- مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر قۇندۇز يۈسۈپ

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مەن مىسلىسىز مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى بارغانسېرى ھېس قىلدىم، ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان كۈچلەرنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىمنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ ئىجراچىسى، ئەمەلىيەتچىسى ئىكەنلىكىمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا خىزمەتتە باش نىشاننى ھەقىقىي قەلبىگە پۈككىلى، زىممىسىگە ئالغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، كەم- كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇلار مەن چوقۇم چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر.

  ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى مەقسىتى ئۆزگەرمىدى، «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاممىغا سىڭىپ كىرىشى توختاپ قالمىدى، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ كادىرلار ۋە زىيالىيلارغا سىڭىپ كىرىش قەدىمى توختاپ قالمىدى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تېخىمۇ خەتەرلىك، يوشۇرۇنۇشقا تېخىمۇ ئۇستا. ئۇلار پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلىرىغا خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋەزىپە مۈشكۈل، يول يىراق.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىمىزغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەن شۇنداق تەنتەنىلىك قەسەم بېرىمەنكى:

  پارتىيەگە، خەلققە، ۋەتەنگە مەڭگۈ سادىق بولىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادرونى قەدىرلەپ، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ كەسكىن ھەم مۇرەككەپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىدە، باش نىشاننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، باش نىشان ئېڭىنى كاللامغا ئورنىتىمەن، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئۇنىڭغا قاتتىق رىئايە قىلىش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەربىيەلىنىشى، سىياسىي ئاڭلىقلىقىدۇر. ئېتىقادى چىڭ، سىياسىيدا قەتئىي، مەسئۇلىيەتچان، ئىقتىدارلىق، ئىستىلدا دۇرۇس بولۇشىمىز كېرەك. ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى لاياقەتلىك كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، كادىرلار، ئاممىنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئومۇملۇقىنىڭ سىجىللىقى ۋە ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تىرىشىمەن.

  بىر مىللەت ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلە ۋە دەۋرگە ماس كەلمەيدىغان قالاق قاراشقا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ مۇقەررەر ھالدا سىياسىي ئاڭ ۋە ئومۇملۇق ئېڭىنى سۇسلاشتۇرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە سادىق بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ھىمايە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىلەر پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ غايە- ئېتىقادى، سىياسىي ساپاسى، ئىقتىدار- سەۋىيەسى، خىزمەت ئىستىلىغا نىسبەتەن كەسكىن سىناق، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش بىزنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىمىز، بىز چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، بارلىقىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك، پارتىيە بارلىق خىزمەتلەرنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولغاندىلا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسى چوقۇم كوممۇنىستلارنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، كوممۇنىزملىق غايە- ئېتىقاد ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىز ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئېتىقادىمىزنى چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  مەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى