قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شىنجاڭ خۇالىڭ سودا- سانائەت (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتكومى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تىجارەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىنى مۇقىم، ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلدۇردى

2018-08-13 18:30:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ خۇالىڭ سودا- سانائەت (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتكومى سىياسىي يادرولۇق ۋە سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كارخانىنى مۇقىم، ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلدۇردى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دە، شىنجاڭ خۇالىڭ سودا- سانائەت (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتكوم يىغىن زالىدا، گۇرۇھ پارتكومى خۇنەن تاشقى سودا كەسپىي شۆيۈەنىدىكى سەككىز ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا كارخانىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تاشقى سودىنى كېڭەيتىشكە ئائىت قوللانغان ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى يۈزتۇرانە تونۇشتۇرماقتا ئىدى. خۇنەن تاشقى سودا كەسپىي شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى تاڭ جىن مۇنداق دېدى: بىز گروزىيەگە بېرىپ ئۇ يەردە باغچا رايونى بارلىقىنى، ئۇ يەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىشتىكى ناھايىتى ياخشى ئورۇن ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتى ھەمدە بىزنىڭ تاشقى سودا ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ، تاشقى سودا ئىختىساسلىقلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز.
شىنجاڭدىكى سودا جەھەتتىكى پۇقراۋى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، «خۇالىڭ» گۇرۇھى پارتكومى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ سودا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرگەندىن سىرت، يەنە ئىچكى قىسىمدا يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ھەر قايسى شۆبە شىركەتلەردە 22 مۇستەقىل پارتىيە ياچېيكىسى ياكى بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى قۇردى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىرى مول خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇپلا قالماي، يەنە كارخانا قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. ئۇلار كارخانىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا، بۆلۈم دېرىكتورلىرى بىلەن ئۆزئارا نازارەت قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم ئىشلارنى كوللېكتىپ كېڭىشىپ، تارماق شىركەتلەرنى تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى. شىنجاڭ خۇالىڭ سودا- سانائەت (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گو شياڭياڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىمىز ئومۇميۈزۈلۈك قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىتتىپاق قۇرۇلۇشى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇشى، ئاياللار خىزمىتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق. ھازىر شۆبە شىركەتلىرىمىزنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى شەكىللىنىپ، كوللىكتىپ روھى ھاسىل بولدى.
شىنجاڭ خۇالىڭ سودا- سانائەت (گۇرۇھى) بازاردىكى تىجارەتچىلەر كۆپ بولۇش، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش قىيىن بولۇشتەك ئەھۋاللارغا قارىتا، «خۇالىڭ بازىرى كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت پونكىتى» قۇردى، 20 نەچچە كۆچمە تىجارەتچى پارتىيە ئەزاسى «پارتىيە ئەزالىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى» ۋىۋىسكىسىنى ئېسىپ، پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى. ۋېنجۇدىن كەلگەن كۆچمە پارتىيە ئەزاسى نى جيەننەن مۇنداق دېدى: كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز بۇ يەردە پارتىيە ئۆگىنىشىگە قاتنىشالايدىغان بولدۇق. كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ساختا مال ساتماسلىقىمىز كېرەك. بىز يەنە ئۆزئارا نازارەت قىلىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىپ خېرىدارلارنى رازى قىلىمىز.
2007- يىلى «خۇالىڭ» گۇرۇھى گروزىيەدە بازار ئاچتى. 2015- يىلى، گرۇزىيە ئىككىنچى چوڭ سانائەت شەھىرى--- كۇتايسى شەھىرىدە ئەركىن سانائەت رايونى قۇرۇلدى. «خۇالىڭ» گۇرۇھىدىكى بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ گرۇزىيەدە بازار ئېچىشىغا ئەگىشىپ، «خۇالىڭ» گۇرۇھى پارتكومى گرۇزىيەدىكى شۆبە شىركىتىدە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، چىگرا سىرتىدىكى پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى تەربىيە تۈزۈمىنى ئورناتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. گو شياڭياڭ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى جەريانىدا، بىز سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان تىجارەتچىلەر، ئىشچى- خىزمەتچىلىرىمىزنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلىرىمىزنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى