قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساياھەت قىلسىڭىز ئارا تۈرۈك توغراقلىقىغا بېرىڭ

2018-08-15 11:50:51     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

ئاخىرقى بىر كىلومېتىر ئۈندىدار سۇپىسى خەۋىرى. توغراق سوغۇققا، ئىسسىققا، شور مۇھىتقا، كەلكۈنگە، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ئۇ مۇستەھكەم قەددى بىلەن قۇم-بوراننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ، قۇملۇقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ۋاقىت ئۇنىڭغا مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆچمەس نام ئاتا قىلغان.

ئارا تۈرۈك ناھىيەسى نوم بازىرىنىڭ شەرقىدىكى 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا 476 مىڭ مو كېلىدىغان توغراقلىق بار بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى ساقلىنىپ قالغان ئۈچ چوڭ توغراقلىقنىڭ بىرى.

ئارا تۈرۈك توغراقلىقى جۇدۇن، قۇم-بوران ۋە ئاپتاپنىڭ نەچچە يۈز يىل تاۋلىشى بىلەن تۈرلۈك شەكىللەرگە كىرگەن، بەزىلىرى يىلاندەك چىرماشقان بولسا، بەزىلىرى شىر، يولۋاستەك ھەيۋەتلىك، يەنە بەزىلىرى چېپىۋاتقان ئاتقا ئوخشايدۇ، يەنە بەزىلىرى ئۇسسۇلغا چۈشكەن قىزدەك كۆرۈنىدۇ.
ئەتىيازدا بارلىق جانلىقلار ئويغىنىدۇ، مەيىن شامالدا توغراقلىق كىشىگە جۇشقۇن تەسىر بېرىدۇ.

ياز پەسلىدە قۇياش نۇرى ئاستىدا توغراقلىق خۇددىي تەمكىن، مەغرۇر قىياپەتتە قەددىنى رۇسلاپ تۇرغان جەڭچىگە ئوخشاش قامەتلىك كۆرۈنىدۇ.

كۈز پەسلىدە توغراقلىق ئەڭ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ، بۇ پەسىلدە ئالتۇن رەڭ توغراقلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك قەلئەگە ئوخشايدۇ.

قىش پەسلىدە توغراقلىق مەنزىرىسى ئوخشاشلا گۈزەل ، ئاپئاق قاردا توغراقلارنىڭ قامىتى كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى