قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى تۇراقلىق توك قۇرۇلۇش تارماق شىركىتى سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇش تۈرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ياۋ بىن قۇرۇلۇش ئەترىتىنى يېتەكلەپ، ئېغىر يۈكنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، قۇرۇلۇشنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشماقتا

2018-08-15 17:41:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
«شەرقىي جۇڭغار- جەنۇبىي ئەنخۈي پىلۇس- مىنۇس 1 مىڭ 100 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» --- نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، توك يوللاش سىغىمى ئەڭ چوڭ، توك يەتكۈزۈش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇش سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى تۇراقلىق توك قۇرۇلۇش تارماق شىركىتى سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇش تۈرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ياۋ بىن قۇرۇلۇش ئەترىتىنى يېتەكلەپ، ئېغىر يۈكنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، قۇرۇلۇشنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشماقتا.
2015- يىلى، ياۋ بىن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى كەسپىي باشلامچى ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتىدە تەشكىل تەرىپىدىن سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇشقا ئەۋەتىلگەنىدى. بىر جەنۇبلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ تېزلىكتە چۆللۈكتىكى نۆلدىن تۆۋەن 38 سېلتسىيە گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇق، نۆلدىن يۇقىرى 48 سېلتسىيە گىرادۇسلۇق پىژغىرىم ئىسسىق ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتى جەھەتتىكى پەرقنى يېڭىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خىزمىتىمىزنى باشلاشنىڭ تۇنجى نوقتىسى كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى نادىر قۇرۇلۇش قىلىش، دۇنيا ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ساھەسى بويىچە دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇش بەرپا قىلىش ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈردۇق.
پىلۇس- مىنۇس 1 مىڭ 100 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى--- بىر تۈرلۈك مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىيەت قۇرۇلۇشى. ياۋ بىن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلدى. ئۇلار ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنمە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش جەريانىدا، بىخەتەرلىك بويىچە خېيىم- خەتەرنى ئالدىن كونترول قىلىش، سۈپەت مەسىلىسىنى پىلانلاش ئارقىلىق، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكى، سۈپەت- تېخنىكا باشقۇرۇش- كونترول قىلىش ئاساسىنى ئۈنۈملۈك پۇختىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭى تىپتىكى بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت كۆپ تۆشۈكلۈك تاختىسى، ئۇلنى ئالدىن كۆمۈش دېتالىنى دەل جايىدا كونترول قىلىش تېخنىكىسى، شورلۇق تۇپراق ئۇل مۇھاپىزەت تەدبىرى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قۇرۇلۇش جەريانىدا قوللىنىپ، قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
قۇرۇلۇش جەريانىدا، ياۋ بىن باشتىن- ئاخىر سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نەق مەيداندا غوللۇق كۈچ بولۇشۇم، ئەتراپىمدىكى يولداشلار مەن بىلەن بىللە ئىشلىسە، كۆڭلىدە خاتىرجەملىك ھېس قىلىشى، قىيىنچىلىق ئالدىدا ھەرگىز ئىككىلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. مەخسۇس پارتىيە ئەزالىرىدىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەترىتى قۇرۇپ، لايىھەلەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەر ۋە ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.
نۆۋەتتە، پىلۇس- مىنۇس 1 مىڭ 100 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتورنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. پىلۇس- مىنۇس 1 مىڭ 100 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتورنىڭ گەۋدىسى غايەت زور چوڭ بولغاچقا، قۇراشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بارلىق تېخنىكا خادىملىرى ئۈچۈن زور خىرىس ئىدى. ياۋ بىننىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچى كامىل ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، يېڭى دەۋرگە لايىق شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى