قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو شىنجاڭ دوختۇرى ياخشى

2018-08-17 12:11:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
جۇڭگو شىنجاڭنىڭ داۋالاش جەھەتتىكى يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشى جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ كېسەل كۆرسىتىشنى تاللايدىغان بولدى.
چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارمىقىدىكى1- دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى VIP كېسەللىك رايونىدا، مۇئاۋىن مۇدىر لى يالى تاجىكىستاندىن كەلگەن مۇزەپپەرنىڭ تەرجىمانىغا تېلېفون بېرىپ، مۇزەپپەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىدى. بۇلتۇر، مۇزەپپەرگە تاجىكىستاندا جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ داۋالاش شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، دوختۇر ئۇنىڭغا جۇڭگو شىنجاڭدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ داۋالىنىشنى تەۋسىيە قىلغانىدى. مۇزەپپەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كۆپ تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ قان كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ ئاق قان كېسىلىنى داۋالاش ۋە تەتقىق قىلىش جەھەتتە جۇڭگو بويىچە ئىلغار سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 14- كۈنى جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ داۋالاندى. بىر يىلدىن بۇيان، داۋالاش خادىملىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن مۇزەپپەر خەتەردىن قۇتۇلۇپ، سالامەتلىكى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى ھەمدە بۇ يىل 7- ئاينىڭ 19- كۈنى دۆلىتىگە قايتتى. لى يالى مۇنداق دېدى:- ئۇنىڭ داۋالىنىشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، خەتەردىن تېز قۇتۇلدى. بىزمۇ ناھايىتى خوشال بولدۇق. ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ ھەمكارلىقى ئارقىلىق، ئىقتىدارىمىزنى نامايان قىلدۇق ۋە مۆلچەرىمىزدىكى داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتتۇق.
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 4- كۈنى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش پىلانى بويىچە ئافغانىستاندىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 3- تۈركۈمدىكى 27 بالا شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى. شاڭخەي بالىلار تىببىي ئىلىم مەركىزى، بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسىدىكى يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى، بەدەن سىرتىدا قان ئايلاندۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارمىقىدىكى 1ـ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرى بىرلىكتە دىئاگنوز قويۇپ، 27 بالا ئۈچۈن تەپسىلىي بولغان ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. ئۈچ ياشلىق مۇنەۋۋەر ئوپراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولدى. دادىسى چېمەن جۇڭگولۇق دوختۇرغا باش بارمىقىنى چىقاردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دوختۇرخانا بىزنى ناھايىتى ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتتى. ئوپىراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ ئەمدى باشقا بالىلارغا ئوخشاش ساغلام چوڭ بولالايدىغان بولدى. ئۇ چوڭ بولغاندا، ئۇنىڭغا جۇڭگولۇق دوختۇرلارنىڭ ئۇنى داۋالاپ ساقايتقانلىقىنى ئېيتىمەن.
2015- يىلىدىن بۇ يىل 6- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلقئارالىق داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئالدىن يولغا قويغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارمىقىدىكى 1ـ دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى كېسەلدىن 19 مىڭ 367 ئادەم قېتىمنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسەتكەنلەر 16 مىڭ 827 ئادەم قېتىم، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغانلار 2 مىڭ 540 ئادەم قېتىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 دوختۇرخانا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دوختۇرخانا ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىردى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تاشقى ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جىن جەنۋېي مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ساغلاملىق مۇنبىرى سۇپىسىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ساھەسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ئىلىم- پەن، ئالاقە، تېببىي خادىملار ۋە تېببىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو تېبابىتى غەمخورلۇق ئۆمىكى تەشكىللەپ، ساغلاملىق توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش ۋە خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلارنى تۇتاشتۇردۇق.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى