قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كېسەللەر ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاش

2018-08-17 12:41:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قاراشەھەر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇدىر ۋىراچ خې چۇڭجۈن دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان 30 يىلدىن بۇيان، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئوپېراتسىيەسىدىن 3 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «سۆڭەك كېسەللىكلىرى قوغدىغۇچىسى» دەپ تەرىپلەندى.
مۇشۇ ئاينىڭ13- كۈنى قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ يۇڭنىڭ بازىرىدىكى دېھقان راخمان خې چۇڭجۈننىڭ ئون نەچچە يىللىق بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىنىغا رەھمەت ئېيتىپ ئۇنىڭغا لەۋھە تەقدىم قىلدى. راخمان مۇنداق دېدى: ئوپېراتسىيە ناھايىتى ياخشى بولدى، خې دوختۇرخانا باشلىقىغا رەھمەت، كومپارتىيەگە رەھمەت.
راخماننىڭ تىز بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ، تىزىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ماڭالماي قالغانىدى. بىر قېتىملىق تاساددىپى پۇرسەتتە، ئۇ ناھىيەلىك دوختۇرخانىدىكى خې چۇڭجۈننىڭ داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسى بىلەن خې چۇڭجۈننى ئىزدەپ كەلدى. خې چۇڭجۈن خىزمەتداشلىرى بىلەن قايتا ـ قايتا كوللىكتىپ دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق ئۇنى لىپەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسى قىلدى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن راخماننىڭ ئىلگىرى شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن تىزى ئەسلىگە كېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا يەرگە چۈشۈپ ماڭالايدىغان بولدى.
خې چۇڭجۈن 34 يىل دوختۇرلۇق قىلغان بولۇپ، 33 يىللىق پارتىيە ئىستاژىىغا ئىگە ئىدى. سۆڭەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان خې چۇڭجۈن ھەر بىر كېسەلگە ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، 3مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قىيىن سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئوپىراتسىيىسىنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، ئوخشاش كەسپتىكىلەر ۋە كېسەللەر تەرىپىدىن «سۆڭەك كېسەللىكلىرى قوغدىغۇچىسى» دەپ تەرىپلەندى. شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ دوختۇرنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى تېخنىكىسىنى ئىگىلىشى ئۈچۈن، خې چۇڭجۈننىڭ يېتەكچىلىكىدە، قاراشەھەر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ھۈنىرىنى قالدۇرماي ياش دوختۇرلارغا ئۆگەتتى. نۆۋەتتە سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كەسپىي دوختۇردىن 20سى بار بولدى. دوختۇر بېن جىچياڭ مۇنداق دېدى:- ئۇ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ياش دوختۇرلارنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. بىز خې دوختۇرخانا باشلىقىغا ئوخشاش تېخنىكىسى ياخشى، كېسەللەرگە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان ياخشى دوختۇر بولۇشقا تىرىشىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خې چۇڭجۈن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە «گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىس»، ئىلغار خىزمەتچى، «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەندەك ناملارغا ئېرىشتى. كېسەللەرنى تۇغقىنىدەك كۆرۈش-- خې چۇڭجۈننىڭ دوختۇرلۇق قىلغاندىن بۇيانقى ھايات ھېكمىتى بولۇپ، ئۇ «جان ـ دىل بىلەن كېسەللەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش-- كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى» دەپ قارىدى. خې چۇڭجۈن مۇنداق دېدى:- تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەسپى ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، بۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئىلگىرى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قىلدۇرىدىغان ئوپىراتسىيەلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە تىرىشىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە يەنىمۇ تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنى يېتەكلەپ، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەستايىدىل ئىشلەيمەن. بۆلۈمىمىزنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، قاراشەھەردىكى پۇقرالارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا تىرىشىمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى