قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئاساس سېلىندى

2018-08-18 21:21:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 29 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان يول قاتناش تورى شەكىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئاساس سېلىندى.
320 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان دۆلەت يولى 577- لىنىيەسىدىكى دۆڭ مازاردىن خەنتيەنگىچە بولغان تاشيول تۈرى ئىككى يىلدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، يېقىندا پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاش دەرياسىنىڭ شەرقىدىن باشلىنىپ، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاقتۆبەك يېزىسىنىڭ خەنتيەن كەنتىدە ئاياغلىشىدۇ. تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ پېيگو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- قاتناش باشلانغاندىن كېيىن غۇلجا ناھىيەسىدىن تېكەس ناھىيەسىگە بارىدىغان مۇساپە 20 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقىرايدۇ، ۋاقىتمۇ 30 مىنۇت ئەتراپىدا تىجەپ قىلىنىدۇ. بۇ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
ئاران 100 نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاددىي يول بۈگۈنكى كۈندە ئون مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاسفالىت يول، سېمونت يولغا، بىر نەچچە ياغاچ كۆۋرۈك 450 نەچچە پولات چىۋىقلىق بېتون كۆۋرۈككە ئۆزگەردى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ناھىيە، يېزا تاشيولى، يېزا- كەنت يوللىرى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. يول راۋان، ھەممە كەسىپ گۈللەنگەن، تەرەپ ـ تەرەپكە تۇتاشقان تاشيول قاتناش تورى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە پۇختا ئاساس سالدى. توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ تاشتۆپە يېزىسى گۈلباغ كەنتىدە، ئاسفالت يولنىڭ ھەر بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە تۇتىشىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىسى كېرەم ئاشلىق سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- ئىلگىرى كەنتىمىزنىڭ يوللىرى توپا يول، شېغىل يول ئىدى. يول يۈرۈش قولايسىز بولغاچقا، ئاشلىق سېتىشمۇ تەسكە چۈشەتتى. چۈنكى، ئاپتوموبىللار بۇ يولغا كىرىشنى خالىمايتتى. ھازىر ئاسفالىت يول ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەممە ئادەمگە قولايلىق يارىتىلدى.
 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسىنىڭ غۇلجا ـ دۆڭمازار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، «قوش غەرب تاشيولى»نىڭ قورغاستىن ئۆتىدىغان بۆلىكى قاتارلىق 15 دۆلەت يولى غول تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غول تاشيولى تېز سۈرئەتتە راۋانلاشتى، ناھىيە، يېزا تاشيولى ھەممە يەرگە تۇتاشتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ شياڭچياڭ مۇنداق دېدى:- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلارنىڭ يېزا تاشيولى ئومۇمىي مۇساپىسى 14 مىڭ 68 كىلومېتىر كېلىدۇ. دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى ۋە ئاساسلىق ناھىيە يوللىرى، يېزا يوللىرى %100 لىك تاشيول ئۆلچىمىگە يەتتى.  ئىشتاتلىق كەنتنىڭ ھەممىسىدە ئاپتۇبۇس قاتنىدى. «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان تاشيول قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرۈش، ناھىيە يوللىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا تۇتاشتۇرۇش، يېزا يوللىرىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇش، ھەممە كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت قاتناش تورى ئەندىزىسى»ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى