قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىلى ئوبلاستى ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تايىنىپ، سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېز ئىلگىرى سۈردى

2018-08-19 19:24:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئىلى ئوبلاستى ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تايىنىپ، سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېز ئىلگىرى سۈردى.
مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى شىنجاڭدىكى تۇنجى گرافىت ئالكېن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق رادىئاتسىيەدە توك بىلەن ئىسسىتىش پليونكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قورغاس شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. گرافىت ئالكېن توك بىلەن ئىسسىتىش پليونكىسى- توك بىلەن ئىسسىقلىقنى ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى، ئىسسىقلىق تارقىتىشى تېخىمۇ تېز، ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە بىر خىل يېڭى ماتېرىيال بولۇش سۈپىتى بىلەن يەر ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىسسىتىدىغان بولۇپ نۆۋەتتە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. شىنجاڭ «خەنياڭ» توك بىلەن ئىسسىتىش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئالدىنقى نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە گۇاڭدۇڭ «نۇەنفېڭ» توك بىلەن ئىسسىتىش پەن- تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمشېرىك بولۇپ، گرافىت ئالكېن يىراق ئىنفرا قىزىل نۇر بىلەن ئىسسىتىش تېخنىكىسىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ شۇ ساھەدىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت يادرولۇق تېخنىكا ۋە ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە بولۇپ، 1- باسقۇچتا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 2 مىليون كۋادرات مېتىرغا يەتتى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چىيۈەن مۇنداق دېدى:- خەنياڭنىڭ توك بىلەن ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرى شىنجاڭدا كۆلەمگە ئىگە بولدى. بىز «بىر بەلباغ ، بىر يول» غا، جۈملىدىن قورغاسنىڭ پايدىلىق جۇغراپىيەلىك شارائىتىگە تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىقىنى ياۋروپاغا، دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز. 
جۇڭگو- ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى خەلقئارالىق كۆرگەزمە بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە سۇپىسى بولۇپ قالدى. ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى بولغان قورغاس شەھىرى جۇڭگو- ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئۆز ئالدىغا ئايرىم كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو- قازاقىستان خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قازاقىستان تەرەپ باشقۇرۇش شىركىتى بىلەن بىرلىكتە تۈرلەرنى تونۇشتۇردى ۋە سودىگەر چاقىردى. بۇ ئىككى يىلدا، زور بىر تۈركۈم تاشقى سودا ۋە ئېكسپورت پىششىقلاش تۈرلىرى قورغاس شەھىرىگە ماكانلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، قورغاس «جىنيى» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتادىكى بىر سودا شىركىتى بىلەن 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مېۋە- چىۋە، كۆكتات ئېكسپورت قىلىش زاكاز توختىمى ئىمزالىدى. قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ شىنمىڭ مۇنداق دېدى:- قورغاس ئىنتايىن ياخشى جۇغراپىيەلىك رايون ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە. بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ تۈرلىرىمىزنى، ئەۋزەللىكىمىزنى تونۇشتۇرۇپ، كارخانىلارنى قورغاسقا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدۇق. ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولدۇق. قورغاسقا ماكانلاشقان كارخانىلار، چەتئەل مەبلىغى، چەتئەل بازارلىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمىز.
ئىلى ئوبلاستى ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە تۈرلىرىنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇردى. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرى بويىچە مەسلىھەت بېرىش كېڭىشىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، تۈر كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردى. ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، ئىلى ئوبلاستى جەمئىي ئىمزالىغان ئىچكى ھەمكارلىق تۈرى 27 گە يەتتى، توختام كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 9 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. ھازىرغا قەدەر، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %85 كە يەتتى. جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئىلى ئوبلاستلىق تارماق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈ دۇڭلىن مۇنداق دېدى:- جۇڭگۇ- ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە تۈرلۈك ئەۋزەل بايلىقلىرىنى نامايەن قىلىپ، ئىلىنىڭ تاشقى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتۇق. كۆرگەزمە ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن دوست بىلەن تونۇشۇپ، يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنى سىرتقا ئېكسپورت قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق.

تەرجىمان: مەمەت . ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى