قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بەجانىدىل ئىشلەش

2018-08-19 19:33:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
جۇڭگو پوچتا گۇروھى شىركىتى قۇمۇل شۆبىسىنىڭ پوچتالىيۇنى كېرەم سالى ئاددىي ئىش ئورنىدا بەجانىدىل ئىشلەپ، 31 يىل جەريانىدا قىلچىمۇ خاتالىق سادىر قىلمىدى.
گەپ قىلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان كېرەم سالى ھەر كۈنى ئىشقا چۈشۈپلا چوڭ- كىچىك كوچىلاردا ئۇياق- بۇياققا قاتراپ، پۇسۇلكىلارنى تېز سۈرئەتتە ھەر بىر خېرىدارنىڭ قولىغا تۈتقۇزىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ سەپكە ئەمدىلا قېتىلغان چاغلاردا ئەتىگەندىن كەچكىچە بىر كۈن ئالدىراش يۈرۈپ ئاران 20 تال پۇسۇلكىنى يەتكۈزۈپ بولاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:- ئۇ ۋاقىتلاردا قىيىنچىلىق ئېغىر ئىدى. ئەتىگەن سائەت بەشتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئىشقا چۈشۈپ كەتسەم، پۇسۇلكىلارنى يەتكۈزۈپ بولغىچە قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتەتتى. 20 كۈندە ئاستا- ئاستا بۇ خىزمەتكە كۆنۈپ قالدىم. ھازىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 گىچە پۇسۇلكىلارنى تارقىتىپ بولىمەن.
ھازىر كېرەم سالىنىڭ ھەر كۈنى خەت- چەك، پوسۇلكا يەتكۈزۈش مىقدارى 300 پارچىدىن ئېشىپ كەتتى. ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپلارنىڭ  خەت- چەك، پوسۇلكىلىرى بولۇپ قالسا، ئۆيىگىچە يەتكۈزۈپ بەرمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ. خېرىدار ۋاڭ يۇ مۇنداق دېدى:- كېرەم يوللانمىلارنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئىزچىل ناھايىتى ئەستايىدىل ئىشلەپ كەلدى، بىز ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمىز. يازدا ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتسىمۇ پوسۇلكا، خەت- چەكلەرنى يەتكۈزۈشتە قىلچىمۇ ۋايساپ باقمىدى. نەچچە 10 يىل بۇ خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ كەلدى. پوزىتسىيەسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى.
يوللانما يەتكۈزۈش كەسپىنى ياخشى ئىشلىگەندىن باشقا، ئۇ يەنە بۇ ساھەگە يېڭى كىرگەنلەرنى ياخشى يېتەكلىدى. يېڭى كىرگەن خادىم كېرەم ئىسھاق مۇنداق دېدى:- ئۇ خىزمەتتە بەك ئەستايىدىل، يېڭى كىرگەنلەرگە ماۋۇ ئورۇن ماۋۇ يەردە، بۇ ھۆججەتنى پالانى كىشىگە تاپشۇرىسىز دەپ  ئەستايىدىل ئۆگىتىدۇ. مەن ئۇنىڭ خىزمەتتىكى بۇنداق ئەستايىدىللىقىدىن ئۆگىنىپ، بىر مۇنەۋۋەر تېز يوللانما خادىمى بولۇشقا تىرىشىمەن.
31 يىلدىن بۇيان، كېرەم سالى جەمئىي 2 مىليون 100 پارچىدىن كۆپرەك گېزىت- ژۇرنال، خەت- چەك، پوسۇلكا يەتكۈزدى، ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىسمى خاتا يېزىلىپ قالغان 200 پارچىدىن كۆپرەك خەت- چەكنى ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ئىگىسىنى تېپىپ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ 2013- يىلى 9- ئايدا، مەملىكەت بويىچە «ئەڭ پەزىلەتلىك پوچتالىيۇن» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. 2016- يىلى 6- ئايدا قۇمۇل شەھىرى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە شەخس» بولۇپ باھالاندى. ئۇ بىر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىي مەقسەدنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- مەن يوللانما يەتكۈزۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 31 يىل بولدى، بۇ خىزمەتكە بولغان بولغان مۇھەببىتىم چوڭقۇر. مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، بۇ خىزمىتىمنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى، خىزمەت ئورنۇمدا يەنە داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمەن.

 تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى