قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئورتاق ئىشلىتىشكە بولمايدىغان تۇرمۇش بويۇملىرى

2018-08-19 20:11:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىسمەن تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، ساقال ئالغۇچ، ھالقا، چوكا، چىش چوتكىسى، كۆز تورلىشىش كۆزئەينىكى، باش كىيىم بىلەن تارغاق، تىرناق ئالغۇچ، چىش پاستىسى، نائۇشنىك، پەرداز بۇيۇمى قاتارلىقلار.
ساقال ئالغۇچ تېرىنى ئاسانلا كېسىپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان جاراھەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ساقال ئالغۇچقا قان يۇقۇپ قالسا، ساقال ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئاسانلا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى قاتارلىق كېسەللىكلەر يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئاياللار دوستلىرى بىلەن ھالقا قاتارلىق زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تاقاشقا ئامراق. ئەگەر قۇلاق تۆشۈكىدە ياللۇغ بولسا، قان ئارقىلىق ھەر خىل كېسەللىكلەر يۇقىدۇ. شۇڭا باشقىلار بىلەن ھالقا قاتارلىق زىبۇ-زىننەتلەرنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ياكى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.
ئادەتتە چوكىنى ئانچە ئورتاق ئىشلىتىپ كەتمىسەكمۇ، ئەمما قىسمەن كىشىلەر قىزغىنلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تاماقنى ئۆزىنىڭ چوكىسىدا قىسىپ قارشى تەرەپكە ئېلىپ بېرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا مىكروب ئاسان تارقىلىدۇ.
لۆڭگىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە ئادەم بەدىنى ئاجرىتىپ چىقارغان ئاجرالمىلار يۇقۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ماددىلار بار. ئائىلە ئەزالىرى بىر لۆڭگىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئاسانلا كېسىشمە يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئېغىز بوشلۇقىمىزدا نۇرغۇن مىكروبلار بار، بۇ مىكروبلار چىش چوتكىسىغا ئاسان يېپىشىۋالىدىغان بولغاچقا باشقىلار ئورتاق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئېغىز بوشلۇقىدا يارا بولسا، چىش چوتكىسىغا قان يۇقۇپ كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
كۆز تورلىشىش كۆز ئەينىكىنى بەزى كىشىلەر ھەمراھى بىلەن ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئەمما كۆز تورلىشىش كۆزئەينىكى شەخسنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئاساسەن سەپلەنگەن بولغاچقا، باشقىلارنىڭكىنى ئىشلەتكەندە كۆزنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ ھەتتا بەزى كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.
تېنى ساغلام كىشىلەر باش كىيىم ياكى تارغاقنى ئورتاق ئىشلەتسە ھېچقانداق مەسىلە كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ باش تەمرەتكىسى بولسا، باش كىيىم ياكى تارغاقنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ساغلام تەرەپكە يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئائىلىدە تىرناق ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلىتىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ئەمما ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا تىرناق ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر تىرناق ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تېرىنى كېسىپ قانىتىۋالسا، تىرناق ئالغۇچقا قان ئارقىلىق يۇقىدىغان باكتېرىيە يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيەسى قاتارلىقلار.
كۆپىنچە ئائىلىلەردە چىش پاستىسىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا نۇرغۇن ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى كېسىشمە يۇقۇشى مۇمكىن.
نائۇشنىكنى ئۇزۇن ئىشلەتكەندە، نائۇشنىككە نۇرغۇن چاڭ-توزان ۋە كىرلەر يىغىلىپ قالىدۇ. نائۇشنىكنى ئورتاق ئىشلەتكەندە باشقىلارنىڭ قۇلىقىدىكى مىكروب سىزنىڭ قۇلىقىڭىزغا، سىزنىڭ نائۇشنىكىڭىزدىكى مىكروب باشقىلارنىڭكىگە ئۆتۈپ، قۇلاق ئىچى يۇقۇملىنىشىنى ھەتتا باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
گەرچە لەۋ سۇرۇخ، كىرپىك لاكى قاتارلىق پەرداز بۇيۇملىرىدا مىكروب ئۆلتۈرگۈچ ۋە چىرىشتىن ساقلىغۇچ بولسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپتە كۆزى قىزىرىش، يۇقۇملۇق زۇكام، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولسا، بۇ پەرداز بۇيۇملىرىنى باشقىلار ئىشلەتكەندە يۇقىرىقى كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى