قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىغا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى سامساق تېرىشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى

2018-08-20 10:50:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئىلى ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق ئىدارىسى ئوتلاق پونكىتىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تالدى بازىرى يار ئوتكەل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىغا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى سامساق تېرىشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.
بۇ ئىككى كۈندە خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى كەنجىبەگ دەكىن ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ھويلا- ئاراملىرىنى كۆردى. كەنجىبەگ دەكىن كەنت ئاھالىسى گو خۇيپىڭنىڭ ھويلىسىدا تېرىغان چىڭسەينى يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ كەنجىبەگ دەكىنگە مۇنداق دېدى: مەن تېرىغان چىڭسەي، چەيزە، لازا ۋە پەمىدۇرلارنى 3 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا ساتتىم. بۇ بىر نەچچە كۈندە قىزىل پوستلۇق سامساق تېرىشنى پىلانلاۋاتىمەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھويلا- ئاراملىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمگە ياردەم قىلدى. مەن كېلەر يىلى ھويلامدا سامساق ۋە كۆممىقوناق تېرىيمەن. 
بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، قىزىل پوستلۇق سامساق قاتارلىق تۈرلۈك كۆكتاتلارنى تېرىشقا يېتەكلىدى، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەر بىر ئائىلىگە 5 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردى. يار ئوتكەل كەنتىنىڭ قىزىل پوستلۇق سامساق يېشىل ماركىسىنى يارىتىپ، ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ قىزىل پوستلۇق سامساق يېشىل ماركىسىنى تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتتى. چارۋىچىلارنى كۆكتات تېرىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ھويلا- ئاراملىرىنىڭ كونا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى. چارۋىچى ئەبىلى ماياق مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىزگە كۆكتات تېرىشنى ئۆگەتكەندىن كېيىن بىز ئۆزىمىز تېرىغان كۆكتاتلارنى يەپلا قالماي، يەنە ساتتۇق. ھازىر تۇرمۇشىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاندى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە رەھمەت.
كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تالدى بازىرى يار ئوتكەل كەنتىدە، ھەر ھەپتىدە قەرەللىك ئېچىلىدىغان ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، كەنت ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەسىمغازى ئاخمېتئەلى دومبىرا چېلىپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان «قەلبىمدىكى كەنت» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر ھەر كۈنى كۈلكە سادالىرى ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈردى، بىز خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
چوڭ ئىشلاردا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، كىچىك ئىشلاردا ئەلنى مايىل قىلىش كېرەك. كەنجىبەگ دەكىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپلا قالماي، ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ، ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى