قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چوڭچىڭنىڭ چۆپى

2018-08-20 18:56:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چوڭچىڭدا يەلقازان شورپىسىدىن باشقا، چۆپ دۇكانلىرىنىمۇ كۆپ ئۇچرىتىمىز. 500 مېتىر كېلىدىغان جايدا، 6 چۆپ دۇكىنىنى ئۇچراتتىم، بۇنىڭدىن چوڭچىڭلىقلارنىڭ چۆپنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە چۆپ چوڭچىڭدا ئاددىي بولغاندىمۇ ئەڭ ئاددىي تاماقلارنىڭ بىرسى بولۇپ، تىل ئۇچى ئارقىلىق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نۇرغۇن جايلارغا تارقالغان.
چوڭچىڭلىقلار چۆپ يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ھەتتا بىر كۈندە ئۈچ ۋاق چۆپ يىسىمۇ زېرىكمەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ سەۋەبىنى چوڭچىڭنىڭ چۆپىنىڭ تەمىنىڭ ياخشىلىقىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، چوڭچىڭ چۆپىنىڭ ماتېريالى مول، بىر قاچا چۆپتە ئون نەچچە خىل دورا دەرمەك بار بولۇپ، تەمى تىلنى قورۇيدۇ. نۇرغۇن چوڭچىڭلىقلارنىڭ ئەتتىگەنلىك تامىقى چۆپ بولۇپ، بەر نەچچە ئورۇندۇق، بىر ئۈستەل بولسىلا بازار قىززىپ كېتىدۇ. چۆپنى ماسلاشتۇرۇشتا نۇرغۇنلىغان تاللاشلار بار بولۇپ، كالا گۆشى ئۈگرىسى، چىلىغان سەي ئۈگرىسى، كالا سىڭىرى ئۈگرىسى، ماپو دۇفۇ ئۈگرىسى قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ قۇرۇق يىسىمۇ ياكى شورپىسى بىلەن يىسىمۇ بولىدۇ. 
مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم كۆپ پۇرچاق ئۇنى ئۈگىرىسى. بۇنى چوڭچىڭدىن باشقا جايدا يىگىلى بولمايدىغان بولۇپ، چۆپى يىيىشلىك ھەم ئىلاستىكىلىق، كۆك پۇرچاق ئۇنىنى ئامال بار ياخشىسىنى تاللاپ، كۆك پۇرچاق ۋە ئارلاشما قىيامنى سەپلەپ، قىززىق شورپىدا كۆك پۇرچاقنى يۇمشىغىچە قاينىتىدۇ، بۇنىڭ تەمى ئىنتايىن خۇشپۇراق بولۇپ، تەمىنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ.
ھەر بىر شەھەرنىڭ ئۆزگىچە تەمى بولىدۇ، ئىنتايىن قىزغىن تاغ شەھىرى بولغان چوڭچىڭدا ئاچچىق ئاساس قىلىنىدۇ. يېمەكلىكلەر بۇ يەردە كاۋاۋىچىن ۋە مۇچ ئارقىلىق يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، يېڭىچە بىر ئورازى بىلەن كىشىلەر ئالدىدا نامايەن بولىدۇ. يېمەكلىك بولسا ساياھەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھەر بىر ئادەمنىڭ يېمەكلىككە بولغان ھۆكۈم قىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ. چوڭچىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرىنىڭ تەمى سىزنىڭ ئاستا- ئاستا ھېس قىلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
   ئەسكەرتمە:
  1. چوڭچىڭدا چۆپ دۇكانلىرى ئىنتايىن كۆپ، بەزىلىرىنىڭ تازلىقى ئانچە ياخشى بولمىغان بىلەن لېكىن چۆپىنىڭ تەمى ئالاھىدە ياخشى.
  2. چوڭچىڭنىڭ سودا چەمبىرىكى ئۆمەك شەكىللىك بولۇپ، ھەر بىر سودا چەمبىرىكىدە بىردىن يەلقازان شورپىسى بار.  3. چوڭچىڭنىڭ يېمەك- ئىچمەكلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يەلقازان شورپىسى، زىقلىق يېمەكلىك، ھېجىر قاچا توخوسى، چۆپ، لەيفېڭ بېلىقى، تارو توخوسى، پاقا بېلىق، كاۋاب قاتارلىقلار بار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى