قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جاڭ يۈەن: پېشقەدەم ئەسكەرلەر ھېكايىسىنى چىن ھېسسىياتى بىلەن بايان قىلىش

2018-08-22 22:42:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 سۈرەتتە: جاڭ يۈەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىپ بەرمەكتە. (سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن)

  8- ئاينىڭ 8- كۈنى سەھەردە، «بېيجىڭ- خوتەن ئاھالىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە قاتناشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 14- شى 47- تۈەنىدىكى جاڭ يۈەن تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا ھۆرمەت بىلەن تىكىلدى. «بۇلتۇر تيەنئەنمېن مەيدانىدا چىقىرىلغان دۆلەت بايرىقىدىن بىرسى ھازىر خاتىرىلەش سارىيىمىزدا ساقلىنىۋاتىدۇ...». دۆلەت بايرىقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، جاڭ يۈەن ھەمراھلىرى بىلەن «دۆلەت بايرىقى ھېكايىسى»نى ئورتاقلاشتى.

  جاڭ يۈەن كىچىكىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان، ئۇ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەش سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى.

  جاڭ يۈەن دۆلەت بايرىقى بىلەن بولغان ھېكايىسىنى ھاياجان بىلەن سۆزلىدى. 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە كىرگەنلىكىنىڭ 68 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى 47- تۈەنگە كېلىپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدا چىقىرىلغان دۆلەت بايرىقىدىن بىرنى سوۋغا قىلدى. جاڭ يۈەن مۇنداق دېدى: بۇ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ سىمۋولى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى، ئۇ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايوندىكى خەلققە بولغان غەمخورلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  47- تۈەن تۇرۇشلۇق جايدا ئۆتكۈزۈلگەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا، جاڭ يۈەننىڭ ئېرى جەن جىڭلېي بايراق چىقارغۇچى بولدى، ئۇلار قىزىل بازىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنىڭ تەسىرىدە قىزىل مۇھەببەتكە ئېرىشكەنىدى.

  جاڭ يۈەن 2007- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى 47- تۈەنگە قايتماستىن، گۇاڭجوۋغا بېرىپ ئىشلىدى، ئۇ 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن مائاش ئالاتتى، گۇاڭجوۋدىن ئۆيمۇ سېتىۋالغانىدى. جاڭ يۈەن كۆپرەك پۇل تېپىپ ئاتا- ئانىسىنى گۇاڭجوۋغا ئەكىلىۋېلىشنى ئويلايتتى، ئەمما ئاتا- ئانىسى بىر ئۆمۈر دېگۈدەك كۈرەش قىلغان 47- تۈەندىن قەتئىي ئايرىلمىدى.

  2013- يىلنىڭ بېشىدا، جاڭ يۈەننىڭ دادىسىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بەكلا ئاجىزلاپ كەتتى، يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانغىمۇ ئادەم لازىم ئىدى، گۇاڭدۇڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان جاڭ يۈەننىڭ ئىچى بەكلا تىت- تىت بولدى، ئۇ ئاتا- ئانىسىغا ھەمراھ بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن 47- تۈەنگە قايتىپ كەلدى.

  جاڭ يۈەن مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەيلا قالغانىدىم، دادام ماڭا ئۆزىنىڭ چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە يېڭى كەلگەندىمۇ كۆنەلمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ شۇ دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىر شارائىتنىڭ كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىنى، يۇرتىمىزنى ياخشى قۇرۇپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەر ھېكايىسىنى ياخشى بايان قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

  جاڭ يۈەن دادىسىنىڭ تەلىمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئۆزىنىڭ پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلەش ئالاھىدىلىكى بىلەن 47- تۈەن خاتىرىلەش سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولدى. جاڭ يۈەن مۇنداق دېدى: خاتىرىلەش سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولغاندىن باشلاپ، بىڭتۈەننى تېخىمۇ سۆيىدىغان، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىدىغان بولدۇم، ئاتا- ئانامنىڭ جاپاسى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى تېخىمۇ چۈشەندىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈەن - مەيداندا قېلىش ئىشەنچىم تېخىمۇ چىڭىدى. ھەر قېتىم چۈشەندۈرۈپ چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلار مەزمۇنىغا كەلگەندە، جاڭ يۈەن خاتىرىلەش سارىيىنىڭ تېمىدىكى بىر پارچە ئائىلە سۈرىتىنى كۆرسىتىپ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: سول تەرەپتىكىسى خەنزۇ دادام جاڭ گوچياڭ، ئۇ، چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تالانتلىق ياش، ئوڭ تەرەپتىكىسى ئۇيغۇر ئاپام، ئۇ، ناخشا- ئۇسسۇلغا ماھىر، ئىشچان، ئاق كۆڭۈل، ئەڭ ئالدىدىكىسى مەن، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن گۈل.

  جاڭ يۈەن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن پېشقەدەم زىيالىي ياشلار ھېكايەمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قولۇمنى چىڭ سىققىنىچە كۆز يېشى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەنلىكىمگە رەھمەت ئېيتىدۇ، مەنمۇ ھەر قېتىم ئۇلار بىلەن تەڭ ھاياجانغا چۆمىمەن.

  جاڭ يۈەن خاتىرىلەش سارىيىدا چۈشەندۈرگۈچى بولۇش خىزمىتىگە چەكسىز ئىشتىياق باغلاپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى چىن ھېسسىياتى بىلەن بايان قىلىپ، ئاڭلىغۇچىلارنى مۇھەببىتى بىلەن تەسىرلەندۈردى. جاڭ يۈەن يېڭى چۈشەندۈرگۈچىلەرنى تەربىيەلىگەندە دائىم مۇنداق دەيدۇ: پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى بايان قىلىش ئۈچۈن، تۈەن - مەيدانىمىزنى چوقۇم قىزغىن سۆيۈشىمىز، پېشقەدەملىرىمىزنى قىزغىن سۆيۈشىمىز، ئۇلارنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئىش- ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.

  جاڭ يۈەن مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ئەتىگەندە، رەتلىك كىيىنىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا خاتىرىلەش سارىيىغا كەلگىنىمدە، ئىچ- ئىچىمدىن خۇشال بولىمەن، چۈنكى، قەھرىمان قوشۇننىڭ «ھالاكەت دېڭىزى» بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئۆتۈپ، باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەنلەرنى يوقىتىپ، خوتەننى ئازاد قىلغان كۆرۈنۈشلەرنى، قۇملۇقتىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ھېس قىلالايمەن، روھىم مۇشۇ يەردە تاۋلىنىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەش سارىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، جاڭ يۈەن ھەر يىلى 600 مەيدان(قېتىم) چۈشەندۈردى، ئېكسكۇرسىيەچى 30 مىڭ (قېتىم)غا يەتتى، نەچچە يىللاردىن بۇيانقى ئېكسكۇرسىيەچى 150 مىڭ (قېتىم)دىن ئاشتى.

  جاڭ يۈەن مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنى خاتىرىلەش سارىيى بىلەن بىر جان، بىر تەنگە ئايلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن، ھەر قېتىم ئاشۇ رەڭسىز كونا سۈرەتلەرگە قاراپ تۇرۇپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى ۋە چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلارنىڭ جاپالىق ھېكايىلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىنىمدە، چۈشەندۈرگۈچىلىكنىڭ بىر ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى