قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭ تۇنجى مەدەنىيەت ساياھىتى مەخسۇس پويىزى يولغا چىقتى

2018-08-23 22:06:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 8- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 23 تە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر تۇنجى قېتىم قاتنىغان Y966- قېتىملىق جەنۇبىي شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھىتى مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ، ئون كۈنلۈك ساياھىتىنى باشلىدى. (مۇخبىرىمىز زۇ يى فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: كېمە بىلەن باغراش كۆلىنى ساياھەت قىلىش، قۇملۇقتىكى توغراقلىقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش، ئېگىزلىكتىكى كۆلنى تاماشا قىلىش، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى سەيلە قىلىش، خوتەن كەچلىك بازىرىدا نازۇنېمەتلەرگە ئېغىز تېگىش... 8- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 23 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، «پويىز بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش − يىپەك يولىغا قايتىش، مەمۇرچىلىق دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت، جەنۇبىي شىنجاڭغا رىشتە باغلاش» ناملىق تۇنجى Y966- قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى. ئون كۈنلۈك سەپەردە، 351 ساياھەتچى بايىنغولىن، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى 20 مەنزىرە نۇقتىسىنى ساياھەت قىلىپ، مەدەنىيەت، مەنزىرە، يېمەك- ئىچمەك مەزمۇنىدىكى بىر مەيدان كاتتا زىياپەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتنىشى «پويىز بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت مەھسۇلاتىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  پويىزدىكى 70 ياشلىق شىئەنلىك ساياھەتچى ياڭ جيېيۈن بىللە ماڭغان قەدىناس دوستلىرى بىلەن خۇشال پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندىلا شىمالىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلىپ، بىر ئايلىنىپ چىقتىم، بۈگۈن داۋاملىق پويىز بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىپ، شىنجاڭنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىمەن.

  ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم قاتنىغان مەدەنىيەت ساياھىتى مەخسۇس پويىزى − شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ساياھەتنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «پويىز بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت قاتنىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ كەسىپلىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يەنە بىر كونكرېت ئەمەلىيىتى. پۈتۈن مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى، قىزغىن مىللىي ئۆرپ- ئادىتى، قويۇق مەدەنىيەت ئاساسى، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمىكى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئوخشاش بولمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇلىدۇ. ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ قېتىمقى جەنۇبىي شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھىتىگە ناھايىتى قىزىقتى، ھازىر بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى تەشەببۇسكار ھالدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھىتى مەخسۇس پويىزى 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قاتنايدىغان بولۇپ، تەخمىنەن ئون كۈندە بىر قېتىم قاتنايدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە ساياھەتچىلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن پويىزنىڭ قاتناش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش- كۆپەيتمەسلىك قارار قىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 7- ئايدا «100 نۆۋەتچى پويىز، 10 مىڭ كىشى» بايىنغولىن ئوبلاستىنى ساياھەت قىلىش چوڭ تىپتىكى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتنىشى ئاساسىدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جايلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلار بىلەن بىرلىكتە ساياھەت بايلىقىنى ئورتاق ئېچىپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى كۆلەملەشتۈرۈپ يولغا سېلىش ئۇسۇلىنى تۇنجى قېتىم قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەت رايونىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنى «پۈتۈن رايون ساياھىتى»گە يۈزلەندۈرۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچى توشۇش تارمىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش» ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، يەرلىكنىڭ ساياھەت بازىرىنى ئورتاق ئاچتى، 8- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە، شىنجاڭغا كىرگەن 83 ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى قوبۇل قىلىپ، ئىچكىرىدىن كەلگەن 58 مىڭ 476 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «پويىز بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» كۇرسلۇق مەھسۇلاتلىق ساياھەت مەخسۇس پويىز لىنىيەلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش، ئاجايىپ ئوت يۇرتى، دۇنخۇاڭدا ئۇچرىشىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى راۋان ساياھەت قىلىش، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھىتى مەخسۇس پويىزى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈردى، مەخسۇس پويىز ئاخىرقى بېكىتى ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭىيىپ، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى