قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈنەس ناھىيەسىدىكى دېھقان باقىت توققىژا داڭلىق ئاشخانا خوجايىنىغا ئايلىنىپ، كۆڭلىگە پۈككەن شېرىن ئارزۇسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى

2018-08-25 21:28:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كۈنەس ناھىيەسىدىكى دېھقان باقىت توققىژا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، شاگىرتتىن شۇ يەردىكى داڭلىق ئاشخانا خوجايىنىغا ئايلىنىپ، كۆڭلىگە پۈككەن شېرىن ئارزۇسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى.
كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆپە بازىرىدا، باقىت توققىژا ئاچقان قازاق تائاملىرى ئاشخانىسىنىڭ داڭقى بار. سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يېمەي كەتمەيدۇ. خېرىدار تاۋ يې مۇنداق دېدى: بىز غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى. بىز بۇ يەرگە ساياھەت قىلغىلى كېلىپ، بۇ ئاشخانىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، تامىقىنى تېتىپ باقايلى دەپ كىردۇق. دېگەندەك، بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى يېيىشلىككەن، تەملىككەن.
بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن باقىت توققىژا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئاشخانىدا بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ھۈنەر ئۆگەندى. ئۇ بۇرۇنلا بىر قازاق تائاملىرى ئاشخانىسى ئېچىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ ئاشخانىدا ئىككى يىل ئىشلەپ ھۈنەر ئۆگەنگەندىن كېيىن ئارال تۆپە بازىرىغا قايتىپ، 50، 60 كۇۋادرات مېتىر كۆلەمدە بىر كىچىك ئاشخانا ئاچتى. مال سېتىۋېلىش، قورۇما قورۇشتىن تارتىپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقىچە ئۆزى بىر قوللۇق ئىشلىدى. ئۆزى يالغۇز بولسىمۇ، جاپاغا چىدىدى، قىلچىمۇ ۋايسىمىدى. نەتىجىدە، ئاشخانىنىڭ تىجارىتى كۈنسىرى ياخشىلاندى. ئىككى يىلدىن كېيىن باقىت ئاشخانىسىنىڭ دائىرىسىنى 150 كۋادرات مېتىرغا كېڭەيتتى ھەمدە ئاتا- ئانىسى ۋە ئاكىسىنى بىللە ئىگىلىك تىكلەشكە سەپەرۋەر قىلدى.
ئاشخانىنىڭ تېمىغا «ئەسلى مەقسەدنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايلى» دەپ خەت يېزىلغان بىر پارچە تەشۋىقات رەسىمى ئېسىلغان بولۇپ، ئاستىغا «جۇڭگو ئارزۇسى- مېنىڭ ئارزۇيۇم» دەپ يېزىلغانىدى. باقىت توققىژا مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلىتىمىز بېيىپ، قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، مەن بىر جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن بېيىپ، روناق تېپىپ، ئۆزەمنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. جۇڭگو ئارزۇسى دەل بىزنىڭ ئارزۇيىمىز.
ئۈمىدىنى ئاشخانىغا باغلىغان باقىت توققىژا يەنە بىر ئىككى يىل ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىشىپ، ئاشخانا كۆلىمىنى يەنە كېڭەيتىپ، تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغان، ساياھەت ئۆمەكلىرىنى كۈتۈۋالىدىغان رېسترانغا ئايلاندۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەممە ئادەم بەختلىك ۋە باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەر ساقلاشتىن كەلمەيدۇ ھەم باشقىلارمۇ بەرمەيدۇ. چوقۇم بىر جۇپ قولىمىزغا تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. پەقەت تىرىشىپ كۈرەش قىلساقلا، ئاندىن بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز.

 تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى