قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەنخەن زىياپىتى

2018-08-25 22:22:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان، مەنخەن زىياپىتى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمىز ئىزچىل تۈردە ناھايىتى ئاز بولۇپ، پەقەت بۇ ئىسىمنىڭ ئاڭلىماققا ناھايىتى چوڭ سۈپەت ۋە ھەشەمەتلىك ئىكەنلىكىنىلا بىلىمىز. خېلى نۇرغۇن كىشىلەر مەنخەن زىياپىتى توغرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە جەۋھەر توغرىسىدا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ. بۈگۈن بىز دوستلىرىمىزغا مەنخەن زىياپىتى توغرىسىدا
مەنخەن زىياپىتى دۆلىتىمىزدىكى مانجۇلار ۋە خەنزۇلارنىڭ ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەكلىرى مۇجەسسەملەنگەن زور تىپتىكى چوڭ زىياپەت. ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مانجۇ ۋە خەنزلارنىڭ تائاملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن جۇڭخۇا تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق چوڭ زىياپەت شەكلى. چىيەنلۇڭنىڭ جىياشېن يىللىرىدا لى دوۋ يازغان «ياڭجۇ گۈللۈك قېيىق خاتىرىسى» دە مانجۇ- خەنزۇ زىياپىتى تائاملىرىنىڭ ئومۇمىي تىزىملىكى خاتىرىلەنگەن. بۇ مەنخەن زىياپىتىگە دائىر يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە. كېيىنكىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن يەنە بەزى نازۇ- نىمەت تۈرلىرىنىمۇ قوشقان بولۇپ، بۇ زىياپەت بارا- بارا تېخىمۇ كاتتا زىياپەتكە ئايلانغان. مەنخەن زىياپىتىدە 108 خىل تائام تۈرى بار بولۇپ، تائاملىرىنىڭ ئىچىدە تۇزلۇقلىرىمۇ، تاتلىقلىرىمۇ، گۆشلۈكلىرىمۇ، گۆشسىزلىرىمۇ بار. تاماق خۇرۇچلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن تەڭشەلگەن. ئۇنىڭدا مانجۇلارنىڭ ئۆزگىچە تاماق تەمى بولۇپ، كاۋاپ، يەلقازان شورپىسى قاتارلىقلار پەقەتلا كەم بولسا بولمايدىغان تاماق تۈرلىرى. ئۇنىڭدا يەنە خەنزۇلارنىڭ تاماق ئېتىش ئۆزگىچىلىكلىرى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، قورۇش، قاقلاش، مايدا پىشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردا تەييارلانغان تاماق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق. ئۇ جۇڭخۇا تائام سىستېمىسى مەدەنىيىتىدىكى گۆھەر ۋە ئەڭ يۇقىرى پەللە.
مەنخەن زىياپىتىدە تائام- قورۇمىلارنىڭ كۆرۈنۈشى كۆركەم بولۇپ، قايدە- يوسۇنغا ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئۇ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە. زىياپەت باشلىنىشنىڭ ئالدىدا ئاۋال چاي ۋە كىچىك تەخسە تىزىلىدۇ؛ ئۈستەلگە تۆت خىل يېڭى مېۋە، تۆت خىل قۇرۇق مېۋە، تۆت زىننەت مېۋىسى ۋە تۆت تەخسە مېۋە قىيامى چىقىرىلىدۇ؛ زىياپەت باشلانغاندىن كېيىن ئاۋال سوغۇق سەي چىقىرىلىپ، كەينىدىن ئىسسىق سەي چىقىرىلىدۇ. چوڭ تاۋاقلىق، تاتلىق تاماقلارمۇ كەينى- كەينىدىن تارتىلىدۇ. پۈتۈن زىياپەت جەريانىدا بېيجىڭ، شەندۇڭ، جىياڭسۇ، جېجىياڭنىڭ تائام تۈرلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. مەنخەن زىياپىتىدىكى گۆھەر تاماق، دەپ ئاتالغان تاماقلارنىڭ كۆپىنچىسى خېيلۇڭجىياڭ رايۇنىدا بارلىققا كەلگەن يەرلىك ئالاھىدە تائاملار بولۇپ، كېيىن فۇجىيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارنىڭ تائام تۈرلىرىمۇ بۇ كاتتا زىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بۇ زىياپەتتە جەنۇبنىڭ تائام تۈرى 54 خىل. بۇنىڭ ئىچىدە، جېجىياڭ تائامى 30 خىل، فۇجىيەن تائامى 12 خىل، گۇاڭدۇڭ تائامى 12 خىل. شىمالنىڭ تائام تۈرى 54 خىل. بۇنىڭ ئىچىدە، مانجۇ تائامى 12 خىل، بېيجىڭ تائامى 12 خىل، شەندۇڭ تائامى 30 خىل. بۇلار ئادەتتە ئۈچ كۈنگە بۆلۈپ يەپ بولۇنىدۇ. بۇ تائاملارنى جۇڭخۇا تائاملىرى ئىچىدىكى جەۋھەرلەر دېيىشكە بولىدۇ.
كاڭشى، چىيەنلۇڭ دەۋرىدىكى مەنخەن زىياپىتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ياڭجۇ مەنخەن زىياپىتىنى ئېلىمىزدىكى تۇنجى مەنخەن زىياپىتى دېيىشكە بولىدۇ. ياڭجۇ مەنخەن زىياپىتى جەنۇپ ۋە شىمال يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە. مانجۇ زىياپىتى شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، كاۋاپ، قوي- كالا گۆشى تائاملىرى ئاساس قىلىنغان، تاغ ۋە ياۋا تەمدىكى ئاددىي ئۇسلۇبتىكى تائام تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەنزۇ زىياپىتى خۈەيياڭ تەمىنى ئاساس قىلغان، جەنۇبى جۇڭگو تەمىنىڭ جەۋھىرى ئىپادىلەنگەن، دەريا- دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئاساس قىلىنغان، ماھارىتى خىلمۇ- خىل، ئۇسلۇبى نەپىس، يېڭى ۋە كۆپ خىل بولۇشتەك ئالاھىلىكلەرگە ئىگە. ياڭجۇ مەنخەن زىياپىتىگە تارىختىن ھازىرغا قەدەر ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا، ياڭجۇ قورۇما قورۇش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، تارىخىي ھەشەمەتلىك قورۇمىلاردىن ھازىرقى نەپىس قۇرۇمىلارغىچە ئەنئەنىۋىلىككە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئەنئەنىۋى تاماق تۈرلىرىدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولغان تاماق تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە ئاچقان. ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىغا زىت بولغان ئەتىۋارلىق خام ئەشيالارنى قايتا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ئاساستا يېڭى قورۇمىلارنى لايىھىلەپ چىققان بولۇپ، بۇ قورۇمىلار ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ھازىرقى ئىستېمال يۈزلىنىشىگە ماس كىلىدۇ.
مەنخەن زىياپىتى قارىماققا ئاددىي ئەمەس، يېيىش تېخىمۇ ئاددىي ئەمەس. ئۇنىڭغا دائىر قايدە- يوسۇنلار، تەرتىپلەردىن جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى