قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى چەت ئەللەرگە كېڭەيتتى

2018-08-26 19:09:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتقا يۈزلەنگەن پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك پەن- تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى چەت ئەللەرگە كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
يېقىندا ئۆزبېكىستاندىكى «شېڭپېڭ» باغچىلاشقان سانائەت رايونىدا، جۇڭگو يېزا ئىگلىك پەنلەر ئاكادىمىيەسى غەربىي رايون دېھقانچىلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىناق پونكىتى ئىلمىي ئۇسۇلدا ھىساپلاش ئارقىلىق تېرىغان 750 مو يەردىكى كېۋەزنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 400 كىلوگىرامدىن كۆپرەككە يېتىپ، يەرلىكتىكى مو بېشى مەھسۇلاتىدىن 3 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى ھەمدە ئۆزبېكىستاندىكى بىرلىك پاختا مەھسۇلاتى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى رىكورتنى ياراتتى. بۇنىڭ بىلەن، مۇشۇ ئاينىڭ15- كۈنى ئۆزبېكىستان مەملىكەتلىك كېۋەز نەق مەيدان يىغىنى باغچىلاشقان رايوندا ئېچىلىپ، ئېلىمىزنىڭ كېۋەز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى نەق مەيداندا كۆردى. سىناق پونكىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئالىي ئاگرانومى گۇ جې ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئەڭ ئىلغار يوپۇق ئاستىدىن تامچىلىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى ئېلىپ كەلدۇق. بىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەڭشەش، قۇراشتۇرۇشتىن ئىش باشلاپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تېرىش، پەرۋىش قىلىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش جەريانىغا ياردەم بېرىپ، بۇ تېخنىكىنى كېلەر يىلى 10 مىڭ گېكتارغا كېڭەيتىمىز.
  بۇلتۇر9- ئايدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي رايون دېھقانچىلىق تەتقىقات مەركىزى سانجىدىكى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا رايونىغا ماكانلىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى. بۇ يىل3- ئايدا، ئوتتۇرا ئاسىيا سىناق پونكىتى تۇنجى بولۇپ ئۆزبېكىستاندا ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش ۋە يۈرۈشلەشكەن تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى. گۇ جې ئۆزبېكىستانغا بېرىپلا، ئۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئامما بىزنى تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار قوي سويۇپ، بىزنى گۆش بىلەن مىھمان قىلدى. بىز ئىلغار تېخنىكىنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، دېھقانلار بېيىدى، دۆلەت ئىقتىسادى راۋاجلاندى، ئۇلار جۇڭگوغا رەھمەت ئېيتتى.
  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەزى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا كارخانىلىرى خەلقئارالىق ئىلىم ئالماشتۇرۇش، ئۈلگە بازىسى قۇرۇش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە ھەتتا ئافرىقىغىچە يەتكۈزدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ «تيەنيې» گۇروھى پاكىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، ئېرىتېرىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئېرىتېرىيەدە تامچىلىتىپ سۇغىرىش ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تىجەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، تاجىكىستاندا مىڭ مولۇق سۇ تىجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىك تۈرىنى يولغا قويدى. سېرىلانكا، كوستارىكا، مىسىر قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان 27 دۆلەت ئۈچۈن 270 تىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىمىنى تەربىيەلەپ بەردى. شىنجاڭ «تيەنيې» سۇ تېجەپ سۇغىرىش چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ ۋەنسېن مۇنداق دېدى:« بىر بەلباغ بىر يول» ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ تېخنىكىسىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈشنى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى چىقىرىشقا ئۆزگەرتتۇق. مېنىڭچە، بۇ بىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە قوشقان تۆھپىمىز دىيىشكە بولىدۇ.
ھازىر ئېلىمىزنىڭ پاختا، بۇغداي، شوخلا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق يېڭى تېخنىكىسى ۋە يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقارا سودىسىنى ئىلگىرى سۈردى. لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇردى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىكى «ئەيجۈ چىنجياڭ» ئاشلىق ئوبوروتى باغچىلاشقان رايونىدا، قازاقىستاندىن كەلتۈرۈلگەن 20 مىڭ توننا بۇغداي پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، ئالاھىدە دەرىجىلىك ئۇنغا ئايلاندۇرۇلدى. شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى خۇ شۈمىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئاساسلىقى شۇ جاينىڭ ئەسلىدىكى بۇغداي سورتىنى ئاساس قىلىپ، شۇ جاينىڭ بۇغداي سورتىنى ياىشىلاپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرىمىز. قازاقىستاننى خام ماتىرىيال سېتىۋېلىش بازىسى قىلىپ، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىنى ئەشيا ئوبوروتى بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى شىئەندە ساتىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى