قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

موزدۇزلۇق قىلىش ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتقان دەي جۈنشى

2018-08-26 19:28:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
يېنىدا پۇلى كۆپ قالمىغان دەي جۈنشى 30 يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، يايما ئېچىپ موزدۇزلۇق قىلىشتىن ئىش باشلاپ، «شياۋدەي» خۇرۇم ئايىغى ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقارغان ئاياغلىرى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 60 نەچچە شەھەر، ناھىيە ۋە تۇەن- مەيداندا سېتىلىپ، 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
دەي جۈنشى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ لىنچۈەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 1988- يىلى 18 يېشىدا يالغۇز قۇتۇبى ناھىيەسىگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانىدى. دەي جۈنشى ئانچە كۆپ كىتاب ئوقۇمىغان ۋە ھۈنىرى بولمىغاچقا باشقىلارنىڭ موزدۇزلۇق قىلىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، موزدۇزلۇق ھۈنىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە ھۈنىرىم بولمىغاچقا، قىينالدىم. موزدۇزلۇق قىلىشتا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىشلارنى قىلالمىغاچقا موزدوزلۇق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. قۇربۇم يېتىدىغان كىچىك ئىشلارنى قىلىپ، كۆپ پۇل تاپالمىدىم. ئاخىرىدا باشقىلار موزدۇزلۇق قىلىۋاتقاندا ئوغرىلىقچە قاراپ، ئۆزۈممۇ موزدۇزلۇق قىلالايدىغان بولدۇم.
شۇنىڭدىن كېيىن دەي جۈنشى يايما ئېچىپ، موزدۇزلۇق قىلىشقا باشلىدى. ئەمما، ئۇنىڭ سودىسى دەسلەپتە ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، ئۇ خېرىدارلارنى قانداق جەلپ قىلىش ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ، 100 يۈەنگە تۆت يېڭى ئورۇندۇق، ئىككى قۇر خىزمەت كىيىمى سېتىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ موزدۇزلار ئىچىدىكى ئەڭ پاكىز كىيىنگەن، ئەسلىھەلىرى ئەڭ ئېسىل موزدۇزلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ كىچىك ئىشلاردا خېرىدارلاردىن پۇل ئالماي، ئۇلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلدى. ئۇ پۈتۈن بىر يىلدا ئىزچىل تىرىشىپ ئىشلەپ، پەقەت چوڭ بايراملاردىلا دەم ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزچىل ئالغا قاراپ ئىلگىرلىدى. دەي جۈنشىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇ ناھىيە بويىچە موزدۇزلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى كىرىمگە ئىگە بولدى.    
1992- يىلى دەي جۈنشى يەتتە- سەككىز ئىشچى ياللاپ، ئوتتۇرا- تۆۋەن كىرىملىك ئاممىغا يۈزلەنگەن خۇرۇم ئاياغ دۇكىنى ئاچتى. 2006- يىلى ئۇ يەنە ئۈرۈمچىدە ئاياغ زاۋۇتى قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ توپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى. كېيىن ئۇ ئاياغ زاۋۇتىنى ۋېنجۇغا يۆتكىدى. ئۇنىڭ سودىسى ئاۋات ۋاقىتلاردا، زاۋۇتتىكى 100 دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى 100 مىڭ جۈپتىن ئاشتى.        
دەي جۈنشى ئۆزى بېيىش بىلەن بىللە يەنە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قىلىپ، قېيىنچىلىقى بار ئامما، ياشانغانلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئاياق سوۋغا قىلدى. دەي جۈنشى مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭغا يېڭى كەلگەندە ھېچنىمەم يوق ئىدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى نەتىجىسىدە، مەن ھازىر پۇل تاپتىم. مەن ئۆزۈم بېيىش بىلەن بىللە يەنە جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن. بىز پات ئارىدا توردا دۇكان ئېچىپ، ئاياغلىرىمىزنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن بىز قۇتۇبى ناھىيەسىدە تارماق زاۋۇت قۇرۇپ ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى