قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 مارالبېشىنىڭ بېلىق كاۋىپى

2018-08-26 20:04:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ داڭلىق توغراق مەدەنىيىتى، دولان يېمەك- ئىچمەك مەدەنيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭ يېمەك- ئىچمەك ساھەسىدىكى ئەڭ يارقىن ئىسىم كارتىسى. كاۋاب يېمەكلىكلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، نان، پۈتۈن قوي كاۋىپى، پۈتۈن كالا گوشى كاۋىپى، پۈتۈن تۆگە گۆشى كاۋىپى، بېلىق كاۋىپى، پولو، چۈچۈرە، ساڭزا قاتارلىقلار بار. نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي شىنجاڭنى چەكسىز كەتكەن چۆللۈك، توغراقزارلىق، كالا ۋە قويلار توپ توپ بولۇشۇپ يۇرۈشىدۇ ، دەپ بىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇئىنلون تېغىدىكى قار- مۇزنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئانا دەريا «يەكەن دەرياسى». ئۇ مىليون مولۇق توغراقلىقنى بېقىپلا قالماي، ئىككى قىرغاقتىكى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن كىشىلەرنى پۈتمەس- تۈگىمەس بايلىق بىلەن تەمىنلىدى. مىڭ يىللاردىن بۇيان، بۇ يەردە ياشايدىغان دولانلىقلار ئوت- چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان بولۇپ، كېمىدە بېلىق تۇتۇپ، كالا، قوي بېقىپ ياشاپ كەلدى. دولانلىقلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى كۈچلۈك بولۇپ، بېلىق تۇتقاندا ئىككى كلوگرامدىن يۇقىرى بېلىقلارنى ئېلىپ قېلىپ، كىچىكلىرىنى قويۋېتىدۇ. يەرلىكلەرنىڭ «چوڭ بېلىق تۇتۇش نىيىتىڭ بولسا، كىچىك بېلىقتىن ۋاز كەچ» دەيدىغان گېپى بار. كىشىلەر يىل بويى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دولان يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ياراتقان. بېلىق چوقۇم يېڭى يېڭى تۇتقان بېلىق بولۇشى كېرەك. يۇيۇپ پاكىزە تازلىغاندىن كېيىن، توم قىزىل سۆگەت ياغىچىنى تىرەك قىلىپ، ئارقا تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈپ، يەنە ئۈچ تال ئىنچىكە شاخنى كېسىپ ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بېلىق ئۈزۈل كېسىل ئېچىلىدۇ. ئاندىن يەرگە سانجىپ تۇرغۇزۇپ، قۇرۇپ قالغان توغراق شاخلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئوت ياقىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كاۋاپ قىلىش جەريانىدا، يېڭى يۇلغۇن يۇلغۇن شىرنىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بېلىق گۆشىگە تېخىمۇ تەم كىرگۈزىدۇ، بۇ تەمنى ھېچقانداق جايدىن تاپقىلى بولمايدۇ. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. ئۇلار بۇ يەردىن ئۆتكەندە، يەرلىكلەر بىلەن بىرلىكتە بېلىق كاۋىپى يىگەن. بۇنىڭ تەمى ئىنتايىپ تېتىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ ھۈنىرىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا ئېلىپ كەتكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا توغراق ۋە يۇلغۇن يوق، ھەر قانداق ئامال ئىشلىتىپمۇ مارالبېشى بېلىق كاۋىپىغا ئوخشىتالمىغان.
بېلىق كاۋىپى سېرىق رەڭدە بولۇپ، بېلىقنى تۈز قويۇپ، ئۈستىگە توغرالغان پىياز، پەمىدۇر، مۇچ، تۇز ۋە تەڭشەلگەن دورا دەرمەنلەرنى سېپىمىز. ئاندىن يەنە ئون مىنۇت پۇشۇرغاندىن كېيىن ئالىمىز. مارالبېشى بېلىق كاۋىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇنىڭ خۇرۇچىدا بولۇپ، يىيىش ئۇسۇلى پۈتۈنلەي تەبىئەتكە يېقىن. يېڭى تۇتۇلغان بېلىقنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كاۋاپ قىلغاندا بېلىقنىڭ ئەسلى تەمىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. توغراق ۋە يۇلغۇن ئۇنىڭغا تېخىمۇ تەم كىرگۈزىدىغان بولۇپ، ئۇنى كۆرگەنلا كىشىنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ يىغىلىدۇ. مارالبېشى بېلىق كاۋىپى تەييار بولدى، پۇشۇرۇش ئۇسۇلى گەرچە ئىپتىدائىي بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق پاكىز. بېلىق گۆشىنىڭ تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق بولۇپ، پۇرىقى كىشىنى مەست قىلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭدا بېلىقنىڭ سېسىق پۇرىقى يوق. بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ يادىمغا مۇنداق بىر جۈملە گەپ كەلدى:«ئەگەر سىز مارالبېشىغا كېلىپ يۇلغۇن بېلىق كاۋىپى يىمىسىڭىز، مارالبېشىغا كەلگەن بولمايسىز».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى