قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى-- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى

2018-08-27 10:43:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى مۇشۇ ئاينىڭ30- كۈنى باشلىنىدۇ. ئۇدا 5 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى-- شىنجاڭنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
خوتەندىكى «قۇياش نۇرى» قۇملۇق ئەتتىرگۈل چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار قۇرۇتۇلغان ئەتتىرگۈل غۇنچىسىنى تاللاۋاتقان بولۇپ، بۇ غۇنچىلار ئەتتىرگۈل چېيى، ئەتتىرگۈل يېغى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار بۇ يىللىق جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىگە قويۇلىدۇ. شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى لى يۈ چىڭ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە، ئەتتىرگۈل غۇنچىسى ۋە گۈلقەنتنىلا ئېلىپ بارغانىدۇق. كېيىنچە، ئەتتىرگۈل يېغى، ئەتتىرگۈل ئىچىملىكى قاتارلىقلارنى ئېلىپ باردۇق. ھازىر 5 چوڭ تۈردىكى 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتىمىز بار. جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكىلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە دوست بولدۇق. بۇنىڭ بازار كېڭەيتىشىمىزدە زور ئۈنۈمى بولدى.  
جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى-- ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ كارخانىلارغىمۇ سىرتقا يۈزلىنىش جەھەتتە سۇپا ھازىرلاپ بەردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانا، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، كەسپتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ سانى 60 دىن ئاشقان. بۇ كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشى-- جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇش مەيدانىدا، «جۇڭتەي» خىمىيە گۇروھى «ئەقىل- پاراسەتلىك جۇڭتەي، گۈزەل خىمىيە سانائىتى» باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمە زالىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئالدىراش ئىشلىمەكتە. شىنجاڭ «جۇڭتەي» ئىمپورت- ئېكسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ جۈنفېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر كارخانىمىز ئىشلەپچىقارغانPVC، كۆيدۈرگۈچى ئىشقار قاتارلىق مەھسۇلاتلار «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 80 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېكىسپورت ۋەزىيىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇلتۇر PVC نى قوشقاندا 140 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولغانىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 200 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، ئافرىقا بازىرى ۋە ياۋرۇپا بازىرىنى ئېچىپ، PVC ۋە كۆيدۈرگۈچى ئىشقار قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بازار ئىگىلەش نىسىبىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىمىز.
شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، كۆرگەزمە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن خۇامىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز 16 دۆلەتتىكى نۇرغۇن سودىگەرنى كۆرگەزمىگە تەكلىپ قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاراتمىلىققا ئىگە بىر قىسىم تۇنۇشتۇرۇش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ چوڭ تۈرلىرى ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ سودىسى ۋە تۈر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]