قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 گۇ خەييىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنىڭ داغدام يولىدا ماڭدى

2018-08-27 10:50:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ساۋەن ناھىيەسىنىڭ سەندوخوزا بازىرى غۇلجا يولى مەھەللىسىدىكى «گۇ خەييىڭ مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشخانىسى» نىڭ مەسئۇلى گۇ خەييىڭ 14 يىل جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشتىن-ئاخىر جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنىڭ داغدام يولىدا ماڭدى.
ھەپتە ئاخىرى سەھەردە، مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل پىدائىي، ساۋەن ناھىيەسىدىكى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى گۇ خەييىڭ پىدائىيلار بىلەن بىللە توپلىغان مەكتەپ پۇتبول كىيىملىرىنى ئوراپ قاچىلاپ، تاغلىق رايوندىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتمەكچى بولدى. ئۇ مۇخبىرغا: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تاغلىق رايوندىكى بەش مەكتەپكە تارقىتىپ بېرىلىدىغان پۇتبول كىيىمى، ئۇزۇن يەڭلىك، قىسقا يەڭلىك، ئاياغ، پايپاق، پۇت ئاسراش تاختىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى تۈرگە ئايرىپ قاچىلايمىز. 9- ئايدا ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن بۇ نەرسە- كېرەكلەرنى مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ بېرىپ، پۇتبول كوماندىسىنى تېزدىن تەشكىللىشىمىز كېرەك، دېدى.
2015-يىلى گۇ خەييىڭ شۇ جايدىكى ئۇيغۇر قىزى رۇقىيەنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، 5 مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىدائىيلار ئەترىتىنى يېتەكلەپ جەمئىيەتتىن 30 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلىدى. 14 يىلدىن بۇيان، گۇ خەييىڭ ئۆزى پىدائىي بولۇپ جەمئىي 4 مىڭ 400 مىللىلىتىر قان تەقدىم قىلدى. كوللېكتىپنى سەپەرۋەر قىلىپ جەمئىي 13 مىڭدىن ئارتۇق مېھرى- شەپقەت ماددىي بۇيۇمى توپلىدى. مېھىر-شەپقەت پۇلىمۇ 3 مىليوندىن ئاشتى. نامرات ئوقۇغۇچىلار، بەشتە كاپالەتلىك ياشانغانلار، ئالاھىدە كىشىلەرگە نەچچە مىڭ ئادەم قېتىم ياردەم بەردى. ئۇنىڭ تەسىرىدە، پىدائىيلار ئەترىتىدىكى خادىملار 300 دىن ئاشتى. پىدائىي جاڭ لې مۇنداق دېدى: ئۇ ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ناھايىتى سەمىمىي، چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلدى، ئۇنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشتىم.
2016-يىلى گۇ خەييىڭ «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پىدائىي» بولۇپ باھالاندى. شۇ يىلى يەنە «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. پارتىيە19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن گۇ خەييىڭ كوللېكتىپ خىزمەت نىشانىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە19- قۇرۇلتىيى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىقى چىقاردى. مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، يەنە پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى. نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ساھەسىدە قۇربىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرستىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى