قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەپچىل قولى ئارقىلىق شىنجاڭ سوۋغىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن خې خۇيجۈن

2018-08-27 10:58:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كىچىكىدىن رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغان خې خۇيجۈن رەختكە رەسىم چاپلاش ئاساسىدا ئۈزۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، «يىپەك رەختكە رەسىم كەشتىلەش» نى ئىجاد قىلدى. ئۇ بۇ ئالاھىدە ھۈنەرگە تايىنىپ دۇكان ئېچىپلا قالماي، ئۇنىڭ ئەسىرىمۇ «شىنجاڭ سوۋغىسى» غا ئايلاندى. خې خۇيجۇن بىر جۈپ ئەپچىل قولى بىلەن ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى سىزىپ چىقتى.
سانجى شەھىرىدىكى خۈيزۇلار كوچىسىغا جايلاشقان «خاۋلىن رەسىم كەشتىلەش دۇكىنى» نىڭ «شىنجاڭ سوۋغىسى» نى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىدە، خې خۇيجۈن ئۆزىنىڭ يېڭىدىن كەشتىلىگەن ئەسەرلىرىنى ئىشلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ ئەسىرىنى مۇشۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان2018- يىللىق «شىنجاڭ سوۋغىسى» نى باھالاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرماقچى بولغانىدى. قايچىنىڭ رەختنى كەسكەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل رەڭلەردىكى رەخت پارچىلىرىدىن ناھايىتى گۈزەل ئەسەر يارىتىلدى.
بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن خې خۇيجۈن كىچىكىدىن باشلاپلا رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتى. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن دائىم تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچىدىغان ئانىسىغا ياردەملىشەتتى. ئۇنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، قولى ئەپلىك بولغاچقا، يىڭنە ئىشلىرىغا ماھىر بولۇپ، ئانىسىنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلانغانىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ كاللىسىدا بىر خىيال پەيدا بولدى، بۇ ئۇنىڭ كەشتىچىلىك ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. خې خۇيجۈن مۇنداق دېدى: مەن ئانامنىڭ تىككۈچىلىك دۇكىنىدا بۇ پارچە- پۇرات رەختلەرنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىزلا كاللامغا سىزغان رەسىملىرىم بىلەن بۇلارنى بىرلەشتۈرگىلى بولامدۇ- يوق دىگەن خىيال كەلدى. 
شۇنىڭ بىلەن خې خۇيجۈن ئاق رەختنى رەڭلەپ، سۇ بوياق بىلەن رەختكە رەسىم سىزدى. سۇ بوياق رەسىمىنى بوياش ئاسان بولغان بىلەن، رەختنىڭ ئۈستىگە رەسىم سىزىشنىڭ بەلگىلىك قىيىنلىق دەرىجىسى بار ئىدى. بولۇپمۇ، پېرسوناژلارنىڭ تۇرقى، چىراي ئىپادىسىنى تولۇق ئىپادىلەش بەكمۇ تەسكە چۇشەتتى. دەسلەپتە، خې خۇيجۈننىڭ ئەسىرى جانسىز، رەڭگى ئاددىي چىقىپ قالدى. ئۇنىڭ ئارقا- ئارقىدىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرگەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئۇنى توسۇماقچىمۇ بولدى. خې خۇيجۈن مۇنداق دېدى: ئۆيدىكىلەر ماڭا «بۇنىڭدىن پۇل تاپالمايسەن. ئۇنىڭدىن كۆرە بىز بىلەن بىللە ئۇرۇقچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغىن» دېدى. ئويلاپ باقسام، بۇنىڭغا شۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا، بۇنىڭدا قەتئىي چىڭ تۇرۇشنى تاللىدىم. ئۆزۈمنىڭ چوقۇم غەلبە قىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.
«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە». ئۇزاق ۋاقىت مەشىق قىلىش ئارقىلىق، خې خۇيجۈن بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ماتىرىياللارنى تاپتى. 2007- يىلغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ماھارىتى پىششىپ يېتىلدى ھەمدە دۆلەتنىڭ پاتنىت ھوقوقىغا ئېرىشتى. يەنە شۇ يىلى ئۇ «ئاققۇ» ناملىق تۇنجى ئەسىرىنى 15 مىڭ يۈەنگە ساتتى. 2011- يىلى خې خۇيجۈن سانجىدىكى خۈيزۇلار كوچىسىدا دۇكان ئاچتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ۋاڭ يەن ئىسىملىك ساياھەتچى مۇنداق دېدى: بۇ رەسىمنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا، قىزىقىپ قالدىم. بەك چىرايلىق ئىكەن. بۇ-- شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە گۈزەللىكىنى ھەقىقەتەنمۇ نامايان قىلىپ بېرەلەيدىكەن.
2016-يىلى خې خۇيجۈن ئۆز ئەسىرىنى «شىنجاڭ سوۋغىسى» نى باھالاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇردى. بۇلتۇر خې خۇيجۈن يەنە ئىككى يۈزلۈك ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ يىل خې خۇيجۈن تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، يېزا ۋە مەھەللىلەردىكى بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلارغا ماھارەت ئۆگىتىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە زاكاز قوبۇل قىلدى. خې خۇيجۈن مۇنداق دېدى: كىشىلەرگە ماھارەت ئۆگىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭمۇ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. 

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى