قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىرىشىپ خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە بازىسى بەرپا قىلىش

2018-08-27 17:59:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز شيې خۇيبيەن

 - قاراڭ، بۇ تۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى، بۇلار يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە، بىيودورا، يېڭى ئېنېرگىيە، نېفىت- خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى تاشقى پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ يىچېڭ 8- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۈستىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەن- تېخنىكا ھەمراھلىق پىلانى» تۈرىگە ئالاقىدار ماتېرىيالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،- «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت پەن- تېخنىكا پىلانىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىدىن پايدىلىنىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپ، پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىرىش»، «كىرگۈزۈش» جەھەتتىكى ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى (پەن- تېخنىكا مەركىزى) قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى.

  بەش يىلدا خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىدىن 179ى تەشكىللىنىپ يولغا قويۇلدى
  - بۇ يىل شىركەتنىڭ سېتىش كىرىمى 7 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن زور دەرىجىدە كۆپەيدى. بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتى،- دېدى شىنجاڭ لىخۇا پاختىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ چىخەي 8- ئاينىڭ 18- كۈنى،- ئۆتكەن ئىككى يىلدا، شىركىتىمىز 607 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تاجىكىستاندا ئاشلىق، پاختا، ياغ، مېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارغا ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، تەجرىبە قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا كەسىپلەر رايونى قۇردى، «كارخانا چېگرا سىرتىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئېچىش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇپلا قالماي، يەنە چېگرا سىرتىدا پايدىنى ئاشۇرۇش نۇقتىسى يېتىلدۈردى».

  شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا يېمەكلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى(چەكلىك شىركىتى) خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىگە تايىنىپ، قازاقىستاندا تەجرىبە قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، قازاقىستاندىن پىششىقلىنىدىغان پەمىدۇر، لازا، خاڭگا، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان كۆك پۇرچاق، ئۈجمە قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان پەمىدۇر، لازا قاتارلىق قۇتىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا بازاردا سېتىپ، كارخانا ئۈچۈن ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى.

  ياڭ يىچېڭ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىدىن 179نى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى، ئالاقىسىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، ھەمكارلىق تۈرلىرى ئەڭ دەسلەپكى يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش- ئۆلچەش، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش قاتارلىقلاردىن بۈگۈنكى بىيودورا، زامانىۋى جابدۇق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەرگىچە كېڭەيدى. بىز جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جاينىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى پائال كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇق.

  دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىدىن 12سى قۇرۇلدى
  2017- يىل 12- ئايدا، ئاپتونوم رايون «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى(پەن- تېخنىكا مەركىزى) قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلدى. «يولغا قويۇش پىكرى»دە، مۇنداق كۆرسىتىلدى: سۇپا بەرپا قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە بازىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قىرغىزىستاندا ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك بايلىقى بويىچە نۇقتىلىق ئېچىۋېتىلگەن تەجرىبىخانا قۇرۇپ، تۇپراق، ئوغۇت، ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق ئانالىزى ۋە سۇ مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئەمەلىي تېخنىكىسىنى تەجرىبە قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق «سۇپا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش- ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش- بازا قۇرۇلۇشى- تېخنىكا كېڭەيتىش» شەكلىدىكى پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى ئېچىۋېتىشى، ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇپراق- ئوغۇت ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تەتقىقات ئورنى ئۆلچەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىگو مۇنداق دېدى: تەجرىبىخانا قۇرۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ئارقىلىق قىرغىزىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىدار ئەمەلىي تېخنىكىلارنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەجرىبىخانا قۇرۇشمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئايلاندۇرۇشى ۋە تېخنىكىنى يۆتكىشىگە ناھايىتى ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بەردى.

  2017- يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى قۇرغان «ئوتتۇرا ئاسىيا دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش تىپىدىكى خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسى» دۆلەت پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتتى. بۇ تەتقىقات ئورنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چەت ئەلدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپپاراتى- ئوتتۇرا ئاسىيا دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنى تايانچ قىلىپ، ئۆزبېكىستاندىكى تارمىقى- جۇڭگو- ئۆزبېكىستان داۋالاش ۋە دورىگەرلىك بىرلەشمە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، تاشكەنتتە «نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش بازىسى»، «يېڭى دورا تەتقىقاتى خەلقئارا بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى» ۋە «چەت ئەل پەن- مائارىپ بازىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان «بىر بەلباغ، بىر يول» داۋالاش ۋە دورىگەرلىك كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خەلقئارالىق سۇپىسىنى قۇردى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىدىن 12نى قۇردى، بۇلار يېزا ئىگىلىكى، بايلىق مۇھىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئاسترونومىيە، بىيودورا قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى، خەلقئارا بىرلەشمە تەتقىقات مەركىزى، ئۈلگە كۆرسىتىش تىپىدىكى خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسى، خەلقئارا تېخنىكا يۆتكەش مەركىزى قاتارلىقلارنى قاپلىدى.

  ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىش

  7- ئاينىڭ 22- كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت تەتقىقات مەركىزى ھەم چېڭدۇ تاغ ئاپىتى ۋە مۇھىت تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىدا، ئىران مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش تېخنىكىسى ئىنتايىن پىشقان، خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، مېنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئىشەنچىم تېخىمۇ كۈچەيدى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، ئۆگىنىش پۇرسىتى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇ يىل 10- ئايدا، دۆلەت پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ پاختىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە خەلقئارالىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى خەلقئارا ھەمكارلىق، ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۈ ياۋ مۇنداق دېدى: بۇ، 2016- يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 3- قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسى. ھازىرغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، شۇنداقلا رۇسىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 42 كۇرسانت ئۈرۈمچىگە كېلىپ كۇرسقا قاتناشتى. بۇ كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلىرى. تەربىيەلەش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى «سىرتقا چىقىرىش»قا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

  2013- يىلىدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە قارىتا يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىقلىرى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار 12 قارار ئىلغار ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، موڭغۇلىيە، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 240تىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىمىنى تەربىيەلەپ، پەن- تېخنىكا ۋە كەسىپلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق، ئالاقىنى قويۇقلاشتۇردى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى