قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، بىخەتەر، غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2018-08-27 18:02:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇ خەيلۈن جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق تەلەپ قىلدى:
كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، بىخەتەر، غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 24- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك  يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: كۆرگەزمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت ئېغىر، بۇرچ شەرەپلىك، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار دىققەتنى باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىكنى، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى بىر قېتىملىق «بىخەتەر، تەرتىپلىك، قىزغىن، دوستانە» كاتتا مەرىكە قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىغا شىنجاڭنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق، ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك. 

 جۇ خەيلۈن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق خەلقئارالىق كاتتا مەرىكە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم سۇپا. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىكنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كۆرگەزمىنىڭ نۇقسانسىز ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

 جۇ خەيلۈن مۇنداق تەلەپ قىلدى: تەدبىرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆرگەزمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، بىخەتەر، غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى